پۈتۈن دۇنيادىكى مۇسۇلمانلار 9-ئىيۇل كۈنى قۇربان ھېيتنى كۈتۈۋالغان بىر ۋاقىتتا ئامېرىكا پرېزىدېنتى جوۋ بايدېن قاتارلىق رەھبەرلەر مۇسۇلمانلارنىڭ قۇربان ھېيتىنى مۇبارەكلەپ، ئۆزلىرىنىڭ مۇسۇلمانلارغا بولغان ياخشى تىلەكلىرىنى بىلدۈرگەن.
پرېزىدېنت جوۋ بايدېن تىۋىتتېردا ئېلان قىلغان بۇ ھەقتىكى تەبرىك سۆزىدە، ئۆزىنىڭ ۋە خانىمى جىل بايدېننىڭ مۇسۇلمانلارنىڭ قۇربان ھېيتىغا بولغان تەبرىكىنى ۋە شۇنداقلا ھەجنىڭ قوبۇل بولۇشىغا قارىتا تىلەكلىرىنى بىلدۈرگەن. ئۇ يەنە قۇربان ھېيتنىڭ «جامائەتكە، تەنتەنىگە، مەرھەممەتكە ۋە مۇلازىمەتكە تولغان شات-خوراملىق بىر ھېيت» بولۇشىغا تىلەكداش ئىكەنلىكىنى ئېيتقان.
پرېزىدېنت بايدېن، بۇ يىللىق قۇربان ھېيتىنى خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدا مۇسۇلمانلارنىڭ دىنىي ئېتىقادىنى چەكلىگەن، روزا ھېيت بىلەن قۇربان ھېيتنى تەبرىكلەشنى پەقەت بەلگىلىك جايلاردا ئېلىپ بېرىلىدىغان كونترول ئاستىدىكى سەھنىلەشكەن سىياسى تەشۋىقات پائالىيىتىگە ئايلاندۇرىۋالغان بىر ۋاقىتتا قىزغىن تەبرىكلىشى كۈچلۈك دىققەت قوزغىدى.
ئاقساراينىڭ قۇربان ھېيت مۇناسىۋىتى بىلەن ئېلان قىلغان تەبرىكنامىسىدىمۇ پرېزىدېنت بايدېن قۇربان ھېيت ۋە ھەج ئىبادىتىنىڭ دۇنيادىكى يەھۇدىي، خرىستىيان، ئىسلام دىنلىرىنىڭ ئورتاق يىلتىزىنى ئەسلىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بايدېن مۇنداق دېگەن: «ئىبراھىم ۋە ئوغلىنىڭ خۇداغا بولغان ساداقىتىنى خاتىرىلەيدىغان قۇربان ھېيت ئەنئەنىسى ۋە ھەج مۇراسىمى مۇسۇلمانلارنىڭ ئېتىقادىنى يېڭىلاش پۇرسىتى، شۇنداقلا دۇنيادىكى ئۇلۇغ ئىبراھىم دىنلىرىنىڭ ئورتاق يىلتىزىنى ئەسلىتىدۇ». ئۇ يەنە مۇنداق دېگەن: «قۇربانلىقنى خۇداغا بولغان ئىبادەتتە تەلەيسىز كىشىلەر بىلەن ئورتاقلىشىش، بىزنىڭ بۈگۈنكى دۇنيانىڭ خىرىسلىرىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتىش ئەھدىمىزنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ.»
پرېزىدېنت بايدېن يەنە مۇسۇلمانلارنىڭ كورونا ۋىرۇسى سەۋەبلىك ئىككى يىلدىن كېيىن تۇنجى قېتىم ھەج ئۈچۈن توپلانغانلىقىنى، «بۇ ئۇلارنىڭ يۇقۇمغا قارشى قولغا قولغا كەلتۈرگەن ئىلگىرىلەشلىرىنىڭ سىمۋولى» ئىكەنلىكىنى ئېيتقان، شۇنداقلا ئامېرىكادىكى مۇسۇلمان ئامېرىكالىقلارنى ماختاپ، ئۇلارنىڭ «ئالدىنقى قاتاردىكى يېتەكچى» ئورۇندا تۇرغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
قۇربان ھېيت كۈنى يەنە كانادا باش مىنىستىرى جاستىن ترۇدو، ئەنگلىيەنىڭ مۇۋەققەت باش ۋەزىرى بورىس جونسون، ئاۋسترالىيە باش مىنىستىرى ئانتونىي ئالبانېز، ئۇكرائىنا پرېزىدېنتى زېلېنىسكى قاتارلىق دۆلەت رەھبەرلىرىمۇ تەبرىك سۆزى ئېلان قىلغان. كانادا باش مىنىستىرى ترۇدو تەبرىك سۆزىدە قۇربان ھېيتنىڭ «ئىبادەت، ئورتاقلىشىش، قۇربانلىق ۋە مەرھەمەت كۆرسىتىش پەيتى»، شۇنداقلا «بۇ پۈتۈن مەملىكەتتىكى مۇسۇلمان كانادالىقلارنىڭ تۆھپىسىنى نامايەن قىلىش پۇرسىتى» ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
