قۇربان ھېيت مۇناسىۋىتى بىلەن دۇنيا مۇسۇلمانلىرى ئۇيغۇرلارغا دۇئا قىلىشقا چاقىرىلدى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2019-08-13
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش ھەرىكىتىگە قارىتا ئىسلام دۇنياسىنىڭ سۈكۈت قىلىپلا قالماستىن، يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىل ھەقسىزلىقلىرىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ بايانات ئېلان قىلىشى يېقىندىن بۇيان بۇ ھەقتىكى كۆپلىگەن كەسكىن يازمىلارنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىغا سەۋەب بولۇۋاتقانلىقى مەلۇم. ئامېرىكادىكى داڭلىق تور يازغۇچىلىرىدىن س. ج. ۋېرلېمەن بۇ مۇناسىۋەت بىلەن «تۈركىيە رادىيو تېلېۋىزىيەسى دۇنياسى» دا ئېلان قىلغان بۇ ھەقتىكى ماقالىنى ئەنە شۇ خىل چۇقانلارنىڭ بىرى، دېيىشكە بولىدۇ.

ئاپتور ماقالىسىدە نۇقتىلىق قىلىپ نۆۋەتتە دۇنيانىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدە ئۈچ قۇتۇپقا ئايرىلىۋاتقانلىقىنى، بىر قۇتۇپتىكىلەرنىڭ خىتاي ئىجرا قىلىۋاتقان بۇ خىل باستۇرۇشلارنى قاتتىق ئەيىبلەۋاتقانلىقى، ئىككىنچى قۇتۇپتىكىلەرنىڭ بۇ خىل باستۇرۇشلارنى قوللاۋاتقانلىقىنى، ئۈچىنچى قۇتۇپتىكىلەرنىڭ بولسا بۇ ھالغا قارىتا سۈكۈتنى تاللىۋالغانلىقىنى بايان قىلىدۇ.

بولۇپمۇ 22 غەرب دۆلىتى ب د ت غا بۇ مەسىلە ھەققىدە ئوچۇق خەت يوللاپ ئۆز نارازىلىقىنى بىلدۈرگەندىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتى 72 سائەت ئىچىدە تېزدىن 37 دۆلەتنى ھەرىكەتكە كەلتۈرۈپ بۇنىڭغا قارشى ئوچۇق باياناتنى تەييارلاپ چىققان. بۇ باياناتتا «تاقەت قىلىپ تۇرغۇسىز تېررورلۇق ۋە ئەسەبىيلىكنىڭ خىرىسلىرىغا دۇچ كەلگەن خىتاي ھۆكۈمىتى ئىلاجسىز شىنجاڭ رايونىدا مۇشۇ خىلدىكى تېررورلۇققا ۋە ئەسەبىيلىككە قارشى تەدبىرلەرنى ئىجرا قىلىشقا، شۇ قاتاردا كەسپىي تەربىيەلەش مەكتەپلىرىنى ئېچىشقا مەجبۇر بولماقتا» دېگەن قۇرلار ئورۇن ئالغان.

ئاپتور خىتاي ھۆكۈمىتىنى قوللاش مەزمۇنىدىكى بۇ باياناتقا ئىمزا قويغانلار ئىچىدە سەئۇدى ئەرەبىستانى، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، قاتار، بەھرەين، كۇۋەيت، سۈرىيە قاتارلىق ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭ بارلىقىنى بايان قىلىش ئارقىلىق نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار دىيارىدا يۈزلىگەن مەسچىتلەرنى چېقىپ تاشلىغانلىقى ۋە ئىسلام دىنىدىكى ئەڭ ئەقەللىي ئىبادەت شەكىللىرىنى ئاممىۋى سورۇنلار ئۈچۈن «قانۇنسىزلىق» دەپ بېكىتكەنلىكىنى بايان قىلىپ: «مانا مۇشۇ تېررورلۇققا قارشى تەدبىرلەرمۇ؟» دەپ سوئال قويىدۇ.

ئاپتور يەنە ھازىر كۆپلەپ مەلۇم بولۇۋاتقان ئىسلامىي بەلگىلەرنى ۋە ئەرەبچە خەتلەرنى مەنئى قىلىش قىلمىشىنىڭ ماھىيەتتە مىليونلىغان كىشىنى لاگېرغا قاماش، قاماقتىكىلەرنى جىسمانىي جەھەتتىن قىيناش، ئۇيغۇر قىز-ئاياللىرىنى خىتايلارغا تېگىشكە مەجبۇرلاش، ئۇيغۇر سەبىلىرىنى خىتايلارنىڭ بېقىۋېلىشىغا بېرىۋېتىش قاتارلىق «مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى» غا دائىر ھادىسىلەرنىڭ كىچىككىنە بىر پارچىسىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغانلىقىنى، مۇشۇنداق ئېغىر پاجىئەلەرنىڭمۇ پەلەستىنگە ئوخشاش بىر ھاكىمىيەتنىڭ بۇ باياناتقا ئىمزا قويۇشىنى توسۇپ قالالمىغانلىقىنى ئاچچىق كىنايە ئىچىدە بايان قىلىدۇ.

ئاپتور ئىسلام ئەللىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەكىتلەۋاتقان «ئىسلام دىنى تېررورلۇق بىلەن زىچ باغلىنىشلىق» دېگەن قاراشلارنى قوللاپ-قۇۋۋەتلىشى ھەمدە سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ تەخت ۋارىسى مۇھەممەد بىن سالماننىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى ئىجرا قىلىۋاتقان «تېررورلۇق ۋە ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇش» تەدبىرلىرىنى ئالقىشلىشى ھەققىدە توختىلىپ: «مۇشۇنداق ئەھۋالدا مۇسۇلمانلارنى ئەيىبلەپ كېلىۋاتقان ئوڭچىلار ‹قاراڭلار، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ۋەلىئەھدىسى چېغىدا ئىسلام دىنىنى تېررورىزمغا ئاپىرىدىغان يول دېدى› دەپ جاكالىمامدۇ؟» دەيدۇ.

ئاپتور مۇشۇ ئەھۋاللارنى ئومۇملاشتۇرۇپ: «بۇ يىللىق ھەج ئۈچۈن مەككىگە يول ئالغان بارلىق ھاجىلار ئۇيغۇرلارغا، ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان بۇ خىلدىكى پەرۋاسىزلىقنىڭ تېزدىن ئاياغلىشىشىغا دۇئا قىلىشى لازىم» دەپ كۆرسىتىدۇ.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت