سىياسىي تەشۋىقاتچى قۇربانجان سەمەت : قوللىغۇچىلىرىمنىڭ كۆپىنچىسى شىنجاڭلىق ئەمەس

خىتاي كۈندىلىك گېزىتىنىڭ بۈگۈنكى ئىنگلىزچە سانىدا خەۋەر قىلىنىشىچە، سىياسىي تەشۋىقاتچى قۇربانجان سەمەتنىڭ «مەن شىنجاڭدىن كەلدىم» ناملىق فوتو سۈرەتلەر ئاساسىدىكى ھۆججەتلىك فىلىمىنىڭ تولۇقلانما نۇسخىسى كېلەر ئايدا نەشردىن چىقىدۇ.

خىتاي كۈندىلىك گېزىتىنىڭ بۈگۈنكى ئىنگلىزچە سانىدا خەۋەر قىلىنىشىچە، سىياسىي تەشۋىقاتچى قۇربانجان سەمەتنىڭ «مەن شىنجاڭدىن كەلدىم» ناملىق فوتو سۈرەتلەر ئاساسىدىكى ھۆججەتلىك فىلىمىنىڭ تولۇقلانما نۇسخىسى كېلەر ئايدا نەشردىن چىقىدۇ.

خەۋەردە دېيىلىشىچە، بۇ فىلىم ئىنگلىزچە، ئەرەبچە ۋە تۈركچىگە تەرجىمە قىلىنغان، فىلىمنى تەييارلاشقا 6 مىليون سوم خىراجەت كەتكەن، بۇنىڭ 870 مىڭ سومى ئىئانىدىن توپلانغان. خەۋەردە يەنە دېيىلىشىچە، قۇربانجان سەمەت فىلىمنى ئىشلەشتىكى مەقسىتى ھەققىدە توختىلىپ : «شىنجاڭلىقلارنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى ئەكس ئەتتۈرۈش ۋە شىنجاڭنىڭ كۆپ مەدەنىيەتلىك رايون ئىكەنلىكىنى تونۇشتۇرۇش» دېگەن. ئۇ يەنە ئۆزىنىڭ بۇ خىزمىتىنى قوللاپ تور ئارقىلىق پۇل ئىئانە قىلغانلارنىڭ 2200 كىشى ئىكەنلىكىنى، بۇلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ«شىنجاڭ» لىق ئەمەسلىكىنى ئاشكارىلىغان.

بۇ نۇقتىدا پىكىر بايان قىلغان سىياسىي كۆزەتكۈچى ئۇچقۇنجان ئەپەندى «خىتايپەرەست فوتوگراپچى قۇربانجان سەمەتنى قوللىغۇچىلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ ئۇيغۇر رايونىنىڭ سىرتىدا بولۇشى ھەيران قالارلىق ئەمەس» دېدى. ئۇچقۇنجان ئەپەندى مەزكۇر فىلىمنىڭ ئۇيغۇر رايونىنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى ئەكس ئەتتۈرۈش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى خىتاينىڭ «شىنجاڭ ئۇيغۇرلارنىڭلا شىنجاڭى ئەمەس» دەيدىغان سىياسىي تەشۋىقاتى ئۈچۈن ھازىرلانغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

2025 M Street NW
Washington, DC 20036
+1 (202) 530-4900
uygwebnews@rfa.org