ئۆتكەن يىلىدىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدا تۇيۇقسىز كۆتۈرۈپ چىقىلغان ئۇيغۇر فوتوگراف قۇربانجان سەمەتنىڭ خىتاي تاراتقۇلىرىدا كەڭ تەشۋىق قىلىنغان فىلىمى «مەن شىنجاڭدىن كەلدىم» خىتاي ھۆججەتلىك فىلىم مۇراسىمىدا ئەڭ ياخشى مىكرو ھۆججەتلىك فىلىم مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.
خەلق تورىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، فىلىمدا ئۇيغۇر ئېلىدىن بولغان 18 نەپەر كىشىنىڭ كەچۈرمىشى مەزمۇن قىلىنغان ۋە ھازىرقى زامان «جۇڭگو ئارزۇسى» بايان قىلىنغان.
چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر بولسا، مەزكۇر فىلىمنىڭ ئۇيغۇر رايونىنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى ئەكس ئەتتۈرۈش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى خىتاينىڭ «شىنجاڭ ئۇيغۇرلارنىڭلا شىنجاڭى ئەمەس» دەيدىغان سىياسىي تەشۋىقاتى ئۈچۈن ھازىرلانغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.
خەۋەردىن قارىغاندا، قۇربانجان سەمەت ھازىر كانادادا مەزكۇر فىلىمنىڭ ئىككىنچى قىسمىنى ئىشلەش ئۈچۈن ھازىرلىنىۋاتقان بولۇپ، فىلىمدا دۇنيادىكى ئون نەچچە ئوخشىمىغان دۆلەتلەردە خىزمەت قىلىۋاتقان ۋە تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتقان «شىنجاڭلىقلار» نىڭ ھېكايىسى خاتىرىلىنىدىكەن، كېلەر يىلنىڭ بېشىدا ياۋروپا، ئافرىقا ۋە شىمالىي ئامېرىكا قىتئەسىدە سۈرەتكە ئېلىش باشلىنىدىكەن.
قۇربانجان سەمەت ئۆتكەن يىلىدىن ئېتىبارەن «مەن شىنجاڭدىن كەلدىم» ناملىق كىتابى بىلەن خىتاي تاراتقۇلىرىدا كەڭ تەشۋىق قىلىنىشقا باشلىغان ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن ئامېرىكا، تۈركىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە نۇتۇق سۆزلىگەن. بىراق ئۇنىڭ ئامېرىكا جورج توۋن ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى نۇتقىغا خالىغان ئۇيغۇر تىڭشىغۇچىلارنىڭ كىرىشى چەكلەنگەن ئىدى.
