كۆزەتكۈچىلەر: فوتوگراف قۇربانجان سەمەت داۋاملىق تۈردە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دېپىغا ئۇسسۇل ئوينىماقتا
2017.08.27
خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەرلىرىگە قارىغاندا، فوتوگراف قۇربانجان سەمەت ۋە ئۇنىڭ «مەن شىنجاڭدىن كەلدىم» ناملىق كىتابى خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن چەتئەللەردە داۋاملىق تەشۋىق قىلىنماقتىكەن.
بېيجىڭدىكى «خەلق تورى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن «قۇربانجان سەمەت ئەسەرلىرىنى ئالماشتۇرۇش يىغىنى» يېقىندا نيۇ-يوركتا ئۆتكۈزۈلگەن.
ئۇ، مەزكۇر پائالىيەتتە سۆز قىلىپ مۇنداق دېگەن: «ھەممىلا ئادەم شىنجاڭغا بېرىپ باققان ئەمەس. خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ شىنجاڭنى تېخىمۇ ياخشى چۈشىنىشى ئۈچۈن بۇ قېتىم ‹مەن شىنجاڭدىن كەلدىم› دېگەن ھۆججەتلىك فىلىمنى ئېلىپ كەلدىم. بۇ فىلىمدە شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت پەرزەنتلىرىنىڭ ۋەتەننىڭ ھەرقايسى جايلىرى بىلەن دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا كۈرەش قىلىۋاتقان ئەھۋالىنى تونۇشتۇرۇلدى. ئۇنىڭ ئىككىنچى قىسمى بولغان ‹مەن شىنجاڭغا بارىمەن› دە جۇڭگونىڭ ئىچكى ئۆلكىلىرىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بەرگەنلىكى ۋە شىنجاڭنى تەرەققىي قىلدۇرغانلىقى تونۇشتۇرۇلدى.»
خەۋەردە دېيىلىشىچە خىتاينىڭ نيۇ-يوركتا تۇرۇشلۇق كونسۇلخانىسىنىڭ باش كونسۇلى دۇڭ خەيرۇڭ تەبرىك سۆزى سۆزلەپ، «ئىسلاھات ۋە ئېچىۋېتىلگەندىن بۇيان، شىنجاڭدا قانداق ئۆزگىرىشلەر يۈز بەردى؟ قانداق نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى؟ قۇربانجاننىڭ ئەسەرلىرى بۇ سوئاللارغا مۇكەممەل ھالدا جاۋاب بەردى،» دېگەن.
مەزكۇر پائالىيەتكە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قوللىشى بىلەن چەتئەللەردە تەشۋىقات يۈرگۈزۈۋاتقان خىتاي تەشكىلاتلىرى، جۈملىدىن نيۇ-يوركتىكى «خىتاينىڭ تىنچ بىرلىككە كېلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتى» قاتارلىقلار قاتناشقان.
مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر، «فوتوگراف قۇربانجان سەمەت زامانىمىزدىكى ‹قۇربان تۇلۇم› دۇر. ئۇ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئىزچىل تۈردە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دېپىغا ئۇسسۇل ئويناپ كەلمەكتە»، دېگەنلەرنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.