خىتاي خەۋەرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، يېڭى يىلدىن كېيىن خىتاينىڭ بىر قىسىم ئۆلكىلىرىدە H7N9 يۇقۇملۇق زۇكام يۇقۇمىدا ئۆرلەش ۋەزىيىتى كۆرۈلگەن.
خەلق تورىنىڭ سەيشەنبە كۈنىدىكى سانىدا، شەندۇڭ ئۆلكىلىك سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى ئېلان قىلغان 2017-يىللىق چاغان ھارپىسىدا يۇقۇملۇق كېسەللەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۇقتۇرۇشى نەقىل ئېلىنىپ، چاغان ھارپىسىدا تىرىك ئۆي قۇشلىرى سودىسى ئاشقانلىقى ۋە ئىشلەمچىلەرنىڭ يۇرتىغا قايتىشى كۆپەيگەنلىكى ئۈچۈن، H7N9 يۇقۇملۇق زۇكام كېسەللىكىدىن يۇقۇملىنىش خەۋپى زورايغانلىقى، شۇڭا پۇقرالارنىڭ يۇقۇملىنىشتىن ساقلىنىشى ئاگاھلاندۇرۇلغانلىقى خەۋەر قىلىندى.
خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدىن شاڭخەي كۈندىلىك گېزىتىنىڭ 17-يانۋاردىكى ئىنگلىزچە خەۋىرىدە، H7N9 يۇقۇملۇق زۇكام كېسەللىكىدىن يۇقۇملانغۇچىلار سانى تېزلىكتە ئېشىپ بېرىۋاتقانلىقى، يېڭى يىل كىرگەندىن كېيىن 16-يانۋارغىچە خۇنەن ئۆلكىسىدە 8 كىشى H7N9 ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلىقى، 3 كىشى ئۆلگەنلىكى، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىدە 11 كىشى يۇقۇملىنىپ، ئۇلاردىن 2 بىمار ئۆلگەنلىكى تىلغا ئېلىندى.
مەلۇم بولۇشىچە H7N9 تىپلىق قۇش زۇكىمى 2013-يىلى مارت ئېيىدا تۇنجى قېتىم خىتايدا بايقالغان بولۇپ، بۇ يىل قىش كىرىشى بىلەن بۇ خىل قۇش زۇكىمى ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ خىتايدا قايتىدىن كۆپىيىشى، خىتاي بىلەن قوشنا بولغان شەرقىي جەنۇبى ئاسىيا ئەللىرىنى ئەندىشىگە سالغان.