2017-يىلى ئىككى ئاي ئىچىدە خىتايدا قۇش زۇكىمىدا ئۆلگەنلەر 87 گە يەتتى

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2017.02.21
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

خىتاي خەۋەرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، 2017-يىلى يېڭى يىلدىن 2-ئاينىڭ 21-كۈنىگىچە بولغان ئارىلىقتا خىتايدا H7N9 تىپلىق قۇش زۇكىمىدا يۇقۇملىنىپ ئۆلگەنلەر سانى شىددەت بىلەن كۆپىيىپ 87 نەپەرگە يەتكەن.

خەۋەردە، خىتاي سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ خەۋىرى نەقىل ئېلىنىپ، H7N9 تىپلىق قۇش زۇكىمىنىڭ چاڭجياڭ دەرياسى ۋە جۇجياڭ دەرياسى دېلتىسىنى ئاساس قىلىپ، جەنۇبىي جۇڭگو رايونىدىكى ئۆلكىلەردە تارقىلىۋاتقانلىقىنى، شۇڭا گۇاڭدۇڭ قاتارلىق بىرقانچە ئۆلكىدە 2-ئاينىڭ 16-كۈنىدىن باشلاپ 13 كۈن ئىچىدە ئۆي قۇشلىرى بازارلىرىدا توخۇ، ئۆردەك قاتارلىق تىرىك ئۆي قۇشلىرىنىڭ سېتىلىشى چەكلەنگەنلىكىنى، تەكشۈرۈشتىن ئۆتمىگەن توخۇ، ئۆردەك قۇشلىرىنىڭ گۆشى ۋە تۇخۇملىرىنىڭ سېتىشتىن توختىتىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

خىتاينىڭ ھۆكۈمەت خەۋەرلىرىدە، گەرچە يېڭى يىلدىن كېيىن ئۇيغۇر دىيارى قاتارلىق غەربىي شىمالدىكى رايونلاردا H7N9تىپلىق قۇش زۇكىمىدا يۇقۇملانغان ۋە ئۆلگەنلەر سانى ھەققىدە سانلىق مەلۇمات ئېلان قىلىنمىغان بولسىمۇ، ئەمما 1-ئايدىكى خىتاي خەۋەرلىرىدە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئۈرۈمچى، غۇلجا، شىخەنزە قاتارلىق شەھەرلەردە ئۆي قۇشلىرى فېرمېلىرىدا توخۇ، ئۆردەكلەرنىڭ يۇقۇملىنىپ ئۆلۈش ۋەقەلىرى يۈز بەرگىنى ئۈچۈن، تىرىك ئۆي قۇشلىرى سودىسى چەكلەنگەنلىكى خەۋەر قىلىنغان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.