خىتاي قۇش زۇكامىنىڭ ئېغىر خەۋپىگە دۇچ كەلمەكتە

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2020.03.17

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزلىرىنىڭ تاجسىمان ۋىرۇسنى ئاساسەن كونترول قىلىپ بولغانلىقىنى جاكارلاۋاتقاندا خىتاينىڭ يەنە تېزدىن يامراۋاتقان قۇش زۇكامىنىڭ ئېغىر تەدھىتلىرىگە دۇچ كېلىۋاتقانلىقى مەلۇم بولدى.

ئەنگلىيەدە نەشر قىلىنىدىغان «كۈندىلىك پوچتا» گېزىتىنىڭ 11-مارتتىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، خىتايدىكى تاجسىمان ۋىرۇسنىڭ مەركىزى رايونلىرىدىن بولغان خۇبېي ۋە خۇنەن ئۆلكىلىرىدە قۇش زۇكامى سەۋەبىدىن ئاللىقاچان بەش مىڭدىن ئارتۇق توخۇ ئۆلگەن. سىچۈەن ئۆلكىسىدە ئىككى مىڭدىن ئارتۇق ئۆي قۇشى ئۆلگەن. شۇ قاتاردا قۇش زۇكامىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىمۇ كۆرۈلگەنلىكى مەلۇم بولغان ئىدى.

خىتاي دېھقانچىلىق مىنىستىرلىقى قۇش زۇكامىنىڭ تارقىلىۋاتقانلىقى ۋە يۇقۇملىنىپ ئۆلگەن قۇشلارنىڭ ئۆلۈكىنى تولۇق بىر ياقلىق قىلغانلىقى توغرىسىدا خەۋەر بەرگەن بولسىمۇ، بۇ زۇكامنىڭ قايسى ۋاقىتتا باشلانغانلىقىنى ئېيتمىغان.

خىتاي ئاخباراتىنىڭ خەۋەرلىرىگە قارىغاندا قۇش زۇكامى ھازىر كېڭىيىۋاتقان بولۇپ، خىتاينىڭ «تاجسىمان ۋىرۇس كونترول قىلىندى» دېگەن باياناتلىرى خەلقئارادا كۈچلۈك گۇمان قوزغاۋاتقاندا خىتاينىڭ تېخىمۇ ئېغىر پىشكەللىككە دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرسەتمەكتە ئىكەن.

بۇ ساھە بىلەن تونۇشلۇق مۇتەخەسسىسلەرنىڭ پىكرىچە، قۇش زۇكامىنىڭ قۇشلاردىن ئادەمگە، ئاندىن ئادەملەر ئارىسىدا بىر-بىرىگە يۇقۇش ئېھتىماللىقى بەكلا كىچىك ئىكەن. شۇنداقتىمۇ دۇنيا مىقياسىدا قۇش زۇكامى بىلەن يۇقۇملىنىپ ئۆلگەن كىشىدىن بىرنەچچىسى بار ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.