رابىيە قادىر خانىم شى جىنپىڭنىڭ ئەنگلىيە زىيارىتىگە ئىنكاس قايتۇردى

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2015.10.19

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ ئەنگلىيە زىيارىتىگە كۈچلۈك ئىنكاس قايتۇردى.

رابىيە خانىم رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنۇلارنى كۆرسەتكەن: «ئەنگلىيەنىڭ خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنى شۇ قەدەر قىزغىن كۈتۈۋېلىشىنىڭ ئۆزى ئەمەلىيەتتە بىر ‹بەختسىزلىك›.»

ئۇ يەنە مۇنداق دېگەن: ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ شى جىنپىڭنى كۈتۈۋېلىش ئۈچۈن سالغان قىزىل گىلىمى «ئۇيغۇر، تىبەت ۋە باشقا ئوخشىمىغان پىكىردىكى كىشىلەرنىڭ قىزىل قېنى بىلەن بويىلىدۇ، خالاس.»

مەلۇمكى، ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ياخشىلاش ئۈچۈن خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىگە پاسسىپ پوزىتسىيە تۇتۇشى يېقىندىن بۇيان خەلقئارادىكى پائالىيەتچىلەرنىڭ كۈچلۈك تەنقىدىگە دۇچ كەلمەكتە. ئۇلار، ئەنگلىيە ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى رەسمىي سورۇنلاردا ئوتتۇرىغا قويۇشتىن قېچىپ پەقەتلا خۇسۇسىي ئۇچرىشىشلاردا تىلغا ئېلىۋاتقانلىقىنى ئەيىبلىمەكتە.

رابىيە خانىم توكيودىكى مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنۇلارنى تەكىتلىگەن: خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يۇقىرى بېسىملىق سىياسىتى ئۇيغۇرلار يۇرتىنى «بىر جەڭ مەيدانىغا ئايلاندۇرۇپ قويدى»، «خىتاي ئارمىيىسى بىلەن قوراللىق ساقچىلىرى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھەممە يېرىنى قاپلىدى. بۇ دەل خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن يەرلىك ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ كۈنساناپ يىرىكلىشىشىنىڭ تۈپ سەۋەبىدۇر.»

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.