ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىدا ئېچىلغان يىغىنىدا ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى ئۇيغۇر بۆلۈمىگە يۇقىرى باھا بېرىلدى

مۇخبىرىمىز جۈمە
2021-06-11
Share
Edward-John-Markey-Edward-Markey ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى تاشقى ئىشلار كومىتېتى ئاچقان «شىنجاڭدىكى ۋەھشىيلىكلەر: بىز ئەمدى نېمە قىلىمىز؟» تېمىسىدىكى مۇھىم ئىسپات ئاڭلاش يىغىنىدا كېڭەش پالاتا ئەزاسى ئېدۋارد ماركېي(Edward Markey) ئەپەندى سۆزلىمەكتە. 2021-يىلى 10-ئىيۇن، ۋاشىنگتون.
Photo: RFA

10-ئىيۇن ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى تاشقى مۇناسىۋەتلەر كومىتېتىدا ئېچىلغان بىرلەشمە تارماق كومىتېتلىرىنىڭ «شىنجاڭدىكى ۋەھشىيلىك» ناملىق گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىدا ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى ئۇيغۇر بۆلۈمىگە يۇقىرى باھا بېرىلدى.

مەزكۇر گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلغان كېڭەش پالاتا ئەزاسى ئەد ماركېي ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ خىتاي ھەققىدىكى خەۋەرلىرى ئارقىلىق خىتاينى ئۆز قىلمىشلىرىدىن تانالماس قىلىپ قويغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى ئۇيغۇر بۆلۈمى خىتاينىڭ يىراق غەربىدىكى مىليونلىغان ئۇيغۇرنىڭ ۋەھشىيلەرچە قولغا ئېلىنغانلىقى ۋە مۇسۇلمانلارغا قارىتىلغان قەبىھ جىنايەتلەر ھەققىدە خەۋەر بېرىشتە ئالدىنقى سەپتە تۇرۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى تۇتۇپ تۇرۇش لاگېرلىرىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ۋە نازارەت دۆلىتى قىلمىشلىرىنى ئىنكار قىلالمايدىغان ھالغا چۈشۈردى».

ئۇ يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ مۇخبىرلىرىنى جىمىقتۇرۇش ئۈچۈن ئۇلارنىڭ خىتاي ئىچىدىكى ئائىلە ئەزالىرىنى تۇتقۇن قىلغانلىقى ۋە پاراكەندىچىلىك سالغانلىقىنى شۇنىڭدەك بۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن چوقۇم ھەرىكەتكە ئۆتۈش لازىملىقىنى ئېيتتى.

ئۇ مۇندا دېدى: «شۇنداق قىلىپ بۇ ھەپتە كېڭەش پالاتاسى ماقۇللىغان ئىستراتېگىيەلىك رىقابەت قانۇنىغا، مېنىڭ شەرتىم بىلەن بىردىن بىر ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىش بېرىدىغان ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىنىڭ يىللىق خامچوتىنى 50 پىرسەنتتىن ئارتۇق كۆپەيتىپ، 70 مىليون دوللارغا يەتكۈزۈش ماددىسى كىرگۈزۈلدى».

كېڭەش پالاتا ئەزاسى ئەد ماركېي يىغىندا گۇۋاھلىق بەرگەن كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ خىتاي ئىشلىرى دىرېكتورى دوكتور سوفىي رىچاردسون خانىمدىن ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى خىزمىتىنىڭ خىتايغا، بولۇپمۇ ئۇيغۇر رايونىغا نىسبەتەن قانچىلىك مۇھىملىقىنى سورىدى.

دوكتور سوفىي رىچاردسون بۇنىڭغا جاۋابەن مۇنداق دېدى: «كەچۈرۈڭ، سېناتور ماركېي! مەن بۇنى سۈپەتلەشكە دەل كېلىدىغان سۆزنى تاپالمايۋاتىمەن. مۇھىم! ھالقىلىق! ئوكسىگېنغا ئوخشاش! خەۋىرىڭىزدە بولغىنىدەك، ئومۇملاشتۇرۇپ ئېيتقاندا، ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى ئاسىيادىن، بولۇپمۇ خىتايغا ئوخشاش يېپىق دۆلەتلەردىن خەۋەرلەرنى يورۇقلۇققا ئېلىپ چىقىشتا ئىنتايىن مۇھىم رول ئويناپ كەلمەكتە. ھەمىشە ئۇلار خەلقئارا تاراتقۇلاردا بۇنداق خەۋەرلەرنى تۇنجى بولۇپ ئاشكارىلىغان ئورگان بولۇپ كېلىۋاتىدۇ. ھەمدە بىرقىسىم ئۇيغۇر بۆلۈمى مۇخبىرلىرىنىڭ يازغان خەۋەرلىرى ئۈچۈن تۆلىگەن بەدىلى ئىنتايىن قورقۇنچلۇق. مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ژۇرنالىست گۈلچېھرە خوجانىڭ ياشانغان ئاتا-ئانىسى ئۇنىڭ خەۋەرلىرى نەتىجىسىدە زىيانكەشلىككە ئۇچرىدى».

بۇ قېتىمقى گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىدا كوممۇنىزم قۇربانلىرى فوندىنىڭ تەتقىقاتچىسى دوكتور ئادرىئان زېنز، كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ خىتاي ئىشلىرى دىرېكتورى دوكتور سوفىي رىچاردسون ۋە ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ ئىجرائىيە مۇدىرى روشەن ئابباس قاتارلىقلار گۇۋاھلىق بەردى.

يىغىنغا يەنە ماركو رۇبىيو ۋە مىت رومنېي قاتارلىق بىر قانچە نوپۇزلۇق كېڭەش پالاتا ئەزالىرى قاتنىشىپ ئۇيغۇر ۋەزىيىتىدىن ئەندىشەلەنگەنلىكىنى بىلدۈرۈشتى.

بۇ كېڭەش پالاتاسىدىكى بىر نەچچە تارماق كومىتېتلارنىڭ ھەمكارلىقىدا يەتتە يىلدىن بۇيان تۇنجى قېتىم ئېلىپ بېرىلغان بىرلەشمە گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنى ئىكەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت