تۇتقۇندىكى ئۇيغۇر ئالىمى راھىلە داۋۇتقا «پەخرىي پروفېسسور» لۇق ئۇنۋانى بېرىلگەن

مۇخبىرىمىز نۇرئىمان
2020-12-09
Share

ئامېرىكادىكى ئېچىۋېتىلگەن جەمئىيەت ئۇنىۋېرسىتېتى تورى(OSUN) -2017يىلى 12-ئايدىن باشلاپ ئىز-دېرەكسىز غايىب قىلىۋېتىلگەن ئۇيغۇر فولكلورشۇناسى دوكتور راھىلە داۋۇتقا ئادىمىيەت پەنلىرى بويىچە «پەخرىي پروفېسسور» لۇق ئۇنۋانى بەرگەن. بۇ مەزكۇر ئورۇننىڭ ئادىمىيەت پەنلىرى بويىچە تۇتۇقۇندىكى ئالىملارغا بەرگەن تۇنجى «پەخرىي پروفېسسور» لۇق ئۇنۋانى ئىكەن.

راھىلە داۋۇت يېقىندا خەتەر ئاستىدىكى ئالىملارنى قۇتقۇزۇش تەشكىلاتى تەرىپىدىن 2020-يىللىق «تەپەككۇر جاسارىتى» مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئىدى.

ئېچىۋېتىلگەن جەمئىيەت ئۇنىۋېرسىتېتى تورىنىڭ مۇدىرى لېئون بوتستېين مۇنداق دېدى: «راھىلە داۋۇت ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتى ۋە ئۇنى تەتقىق قىلىشتا باشلامچى بىر شەخس سۈپىتىدە خەلقئارادا ئېتىراپ قىلىندى. ئۇ بىر ئەۋلاد ياشلارنى بۇ رايوننىڭ فولكلور ۋە ئەنئەنىسىنى تەتقىق قىلىشتا تەربىيەلىدى، ئۇنىڭ تەۋرەنمەس ئىرادىسى بىلەن روياپقا چىققان مۇھىم ئەسەرلەر دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ قىممەتلىك بايلىقلىرىنى تونۇشى ئۈچۈن ‹كۆۋرۈك› كە ئايلاندى.»

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى ۋە باشقا تەشكىلاتلار ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئاتالمىش «سىياسىي تەربىيەلەش» لاگېرلىرى ھەققىدە دوكلات بەرگەن بولۇپ، دوكلاتتا تەخمىنەن 1 مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمان مىللەتلەرنىڭ «ھېچقانداق قانۇنىي رەسمىيەتسىز تۇتۇپ تۇرۇلغانلىقىنى، قىيىن-قىستاقلارغا ئۇچراۋاتقانلىقى» بىلدۈرۈلگەن.

2019-يىلى 12-ئايدا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق مۇتەخەسسىسلىرى «قانۇنسىز تۇتۇپ تۇرۇش، مەجبۇرىي يوق قىلىۋېتىلىش ۋە مەخپىي سوتلاشنىڭ قانۇن بىلەن باشقۇرۇلىدىغان دۆلەتتە ئورنى يوق. بۇ خىل قىلمىشلار 1998-يىلى خىتاي ئۆزلىرى ئىمزالىغان ‹پۇقرالار ۋە سىياسىي ھوقۇق خەلقئارا ئەھدىنامىسى› نىڭ روھىغا زىت،» دەپ كۆرسەتكەن.

OSUN راھىلە داۋۇتقا پەخرىي پروفېسسورلۇق ئۇنۋاننى بېرىش ئارقىلىق خەلقئارانىڭ خىتايدىن ئۇنى قويۇپ بېرشىنى تەلەپ قىلىش ھەرىكىتىنى قوللايدىغانلىقىنى ئىپادىلىگەن. ئۇلار باياناتىدا يەنە ئەگەر راھىلە داۋۇت ئەركىنلىككە چىقسا، ئۇنىڭ تەتقىقات ۋە ئوقۇتۇش ئىشلىرى بىلەن شوغۇللىنىشى ئۈچۈن ئۆزلىرىنىڭ مەكتىپىگە كېلىشىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، پروفېسسور راھىلە داۋۇت 2017-يىلى 12-ئايدا ئۇرۇق-تۇغقانلىرىغا ئۆزىنىڭ ئۈرۈمچىدىن بېيجىڭغا بارىدىغان ئايروپىلانغا چىقىشقا تەييارلىق قىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتقان ئىكەن. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ ئىز-دېرەكسىز غايىب بولغان. راھىلە داۋۇت گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئاتالمىش «قايتا تەربىيىلەش لاگېرى» دا ياكى تۇتۇپ تۇرۇش ئورنىدا ۋە ياكى تۈرمىدە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتىدۇ دەپ پەرەز قىلىنىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ھازىرغىچە ئۇنىڭدىن ھېچقانداق خەۋەر بولمىغان.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت