ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ خىتاي ئىشلىرى كومىتېتى خىتاي دائىرىلىرىنى ئۇيغۇر تەتقىقاتچى راھىلە داۋۇتنى قويۇپ بېرىشكە چاقىردى
ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ خىتاي ئىشلىرى كومىتېتى 14-دېكابىر تىۋىتتىردا بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي دائىرىلىرىنى ئۇيغۇر تەتقىقاتچى، پروفېسسور راھىلە داۋۇتنى قويۇپ بېرىشكە، ئۇيغۇر ئېلىدە ئېلىپ بېرىۋاتقان مەدەنىيەت بۇزغۇنچىلىقىغا خاتىمە بېرىشكە چاقىرغان.
-
مۇخبىرىمىز ئەركىن
2020-12-14 -
-
-
ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ خىتاي ئىشلىرى كومىتېتى 14-دېكابىر تىۋىتتىردا بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي دائىرىلىرىنى ئۇيغۇر تەتقىقاتچى، پروفېسسور راھىلە داۋۇتنى قويۇپ بېرىشكە، ئۇيغۇر ئېلىدە ئېلىپ بېرىۋاتقان مەدەنىيەت بۇزغۇنچىلىقىغا خاتىمە بېرىشكە چاقىرغان. ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتاي ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ ئىككى قوش رەئىسىنىڭ نامىدىكى مەزكۇر بايانات، راھىلە داۋۇت تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنىڭ 3 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئېلان قىلىنغان. بۇنىڭ ئالدىدا ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىمۇ راھىلە داۋۇتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تۇتقۇندىكى ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ۋىدىيوسىنى ئىشلەپ تارقاتقانىدى.
ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتاي ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ باياناتىدا،» ئۇيغۇر تەتقىقاتچى راھىلە داۋۇت غايىب بولغانلىقىنىڭ 3 يىللىق خاتىرە كۈنىدە كومىتېت رەئىسلىرى خىتاي دائىرىلىرىنى ئۇنى خالىغانچە تۇتقۇن قىلىشتىن قويۇپ بېرىشكە، شىنجاڭدا يۈرگۈزۈۋاتقان مەدەنىيەت بۇزغۇنچىلىقىغا خاتىمە بېرىشكە چاقىرىدۇ «دېيىلگەن. بۇ يىل 52 ياشلىق راھىلە داۋۇت 2017-يىلى 12-ئايدا غايىب بولغان. خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىرغا قەدەر ئۇنىڭ ئىز-دېرىكى ھەققىدە ھېچقانداق ئۇچۇر بېرىپ باقمىغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ لاگېرغا ئېلىپ كېتىلگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلۈپ كەلدى.
ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتاي ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرىدا، كۆزەتكۈچىلەر ۋە راھىلە داۋۇتنىڭ دوستلىرىنىڭ ئۇنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە ئۆرپ-ئادەتلىرىنى قوغداش جەھەتتىكى تىرىشچانلىقى ياكى چەتئەل بىلەن بولغان ئالاقىسى سەۋەبلىك تۇتقۇن قىلىنغان، دەپ پەرەز قىلىدىغانلىقى تەكىتلەنگەن. راھىلە داۋۇت ئىلگىرى ئۇيغۇر مازار تەتقىقات بىلەن شۇغۇللانغان. كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاينىڭ 2017-يىلى باشلانغان چوڭ تۇتقۇنىدا ئۇيغۇر مەدەنىيەت تەتقىقاتچىلىرى ئۇنىڭ ئاساسلىق زەربە بېرىش نىشانلىرىنىڭ بىرىگە ئايلانغانىكەن.