بېلگىيەنىڭ «بىريۇسسېل ئەركىنلىك ئۇنىۋېرسىتېتى» خىتاي تۈرمىسىدىكى تونۇلغان ئۇيغۇر فولكلور تەتقىقاتچىسى، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سابىق پروفېسسورى راھىلە داۋۇتقا پەخرى دوكتورلۇق ئۇنۋانى بەرگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، راھىلە داۋۇت 2017-يىلى 12-ئايدا خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنىپ نەق 6 يىل بولغاندا «بىريۇسسېل ئەركىنلىك ئۇنىۋېرسىتېتى» ئۇنىڭ ئۇيغۇر فولكلورى ۋە ئىنسانشۇناسلىق ئىلمىي ساھەسىدىكى ئىلمىي تەتقىقاتى ۋە بۇ يولدا تۆلەۋاتقان بەدىلىنى نەزەردە تۇتۇپ، ئۇنىڭغا مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ پەخرى دوكتورلۇق ئۇنۋانىنى لايىق كۆرگەن. پروفېسسور راھىلە داۋۇت 2017-يىلى 12-ئايدا خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن ئۈرۈمچىدە تۇتقۇن قىلىنغاندىن بېرى، ئۇنىڭ يېقىنقى ۋاقىتلارغىچە ھېچقانداق ئىز دېرىكى بولمىغان.
پەقەت بۇ يىل 9-ئايدا، ئامېرىكادىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىدىن «دىئالوگ فوندى» راھىلە داۋۇتنىڭ ئاقىۋىتى ھەققىدە بايانات ئېلان قىلىپ، ئۇنىڭ 2018-يىلى «بۆلگۈنچىلىك» نى تەرغىب قىلىش، «دۆلەت بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يەتكۈزۈش» بىلەن ئەيىبلىنىپ ئۆمۈرلۈك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقىنى بىلدۈرگەن. مەزكۇر فوندىنىڭ ئەينى ۋاقىتتا بىلدۈرۈشىچە، ئۇلار راھىلە داۋۇتنىڭ ئاقىۋىتىنى نەچچە يىل سۈرۈشتۈرۈش ئارقىلىق، ئاخىرى خىتاي ئەمەلدارلىرىدىن ئۇنىڭ ئۆمۈرلۈك قاماققا ھۆكۈم قىلىنغانلىقىغا دائىر ئۇچۇرغا ئېرىشكەن. «دىئالوگ فوندى» يەنە ھۆكۈمەت دائىرىلىرىدىن ئۇنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكى، سالامەتلىك ئەھۋالى ۋە ئائىلىسى بىلەن ئالاقىلىشىش ھوقۇقىنىڭ بار-يوقلۇقى قاتارلىق تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرلارغا ئېرىشىشنىڭ يولىنى قىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتقانىدى.
«بىريۇسسېل ئەركىنلىك ئۇنىۋېرسىتېتى» خىتاي تەتقىقات ئورنىنىڭ دىرېكتورى، پروفېسسور ۋانېسسا فرانگۋېلنىڭ 15-دېكابىر X تا ئېلان قىلغان ئۇچۇرىدا، راھىلە داۋۇتنىڭ «بىريۇسسېل ئەركىنلىك ئۇنىۋېرسىتېتى» نىڭ پەخرى دوكتورلۇق ئۇنۋانى بىلەن مۇكاپاتلانغانلىقىنى بىلدۈرگەن. 1966-يىلى تۇغۇلغان راھىلە داۋۇت ئىلگىرى «بېيجىڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى» نىڭ دوكتورلۇق ئۇنۋانىنى ئالغان. ئۇنىڭ 2001-يىلى نەشر قىلىنغان «ئۇيغۇر مازار مەدەنىيىتى تەتقىقاتى» ناملىق ئەسىرى، بۇ ساھەدىكى نوپۇزلۇق ئەسەرلەرنىڭ بىرى، دەپ قارىلىپ كەلمەكتە.
