ئامېرىكا پرېزىدېنتى جوۋ بايدىن تۇنجى رامىزانلىق تەبرىكىدە ئۇيغۇرلارنى تىلغا ئالدى
ئامېرىكا پرېزىدېنتى جوۋ بايدىن 12-ئاپرېل كۈنى ئۆزى ۋە رەپىقىسى جىل خانىم نامىدىن ئامېرىكا ۋە دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدىكى مۇسۇلمانلارغا يوللىغان رامىزانلىق تىلىكىدە ئۇيغۇرلارنى تىلغا ئالدى ھەمدە «ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە داۋاملىق قارىشى تۇرىدىغان» لىقىنى بىلدۈردى.
-
مۇخبىرىمىز ئەزىز
2021-04-13 -
-
-
ئامېرىكا پرېزىدېنتى جوۋ بايدىن 12-ئاپرېل كۈنى ئۆزى ۋە رەپىقىسى جىل خانىم نامىدىن ئامېرىكا ۋە دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدىكى مۇسۇلمانلارغا يوللىغان رامىزانلىق تىلىكىدە ئۇيغۇرلارنى تىلغا ئالدى ھەمدە «ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە داۋاملىق قارىشى تۇرىدىغان» لىقىنى بىلدۈردى.
جوۋ بايدىن باياناتىدا ئالاھىدە قىلىپ: «خىتايدىكى ئۇيغۇرلار، بېرمىدىكى روھىنگا ۋە باشقا مۇسۇلمانلار دۇچ كېلىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە داۋاملىق قارىشى تۇرىمەن» دەپ كۆرسەتتى.
مەلۇم بولۇشىچە، بۇ ئامېرىكا پرېزىدېنتىنىڭ تۇنجى قېتىم ئۇيغۇرلارنىڭ نامىنى بىۋاسىتە ئاتاپ تۇرۇپ رامىزانلىق تەبرىك يوللىشى بولۇپ، ئۇنىڭ مەزكۇر تەبرىك باياناتى خىتايدا ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان دىنىي، مىللىي ۋە ئىرقىي باستۇرۇش ھەسسىلەپ ئارتقان مەزگىلگە توغرا كەلدى.
تەبرىك باياناتىدا جوۋ بايدىن نۆۋەتتىكى ۋىرۇس ۋاباسىغا قارشى تەدبىرلەر تۈپەيلىدىن رامىزان مەزگىلىدە مۇسۇلمانلار ئاممىسىنىڭ ئىلگىرىكىدەك جەم بولۇپ كوللېكتىپ ئىبادەت قىلىشى قىيىنغا چۈشسىمۇ، بۇ ئۇلارنىڭ ئاللاھقا بولغان سۆيگۈسى ۋە ئىنسانىي مەجبۇرىيىتىگە بولغان تونۇشىنىڭ تېخىمۇ يۈكسىلىشىگە تەسىر كۆرسەتمەيدۇ، دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. شۇنىڭدەك ۋاباغا قارشى كۈرەش مەزگىلىدە مۇسۇلمانلار ئاممىسىنىڭ ھەرقايسى جايلاردىكى ساقلىقنى ساقلاش ۋە ئاممىۋى مۇلازىمەت ساھەسىدە بىجانىدىل خىزمەت قىلغانلىقىغا بولغان چەكسىز مىننەتدارلىقىنى ئىپادىلىدى.
باياناتتا ئالاھىدە ئورۇن ئالغان يەنە بىر نۇقتا ھەرقايسى جايلاردا يەنىلا ئوخشىمىغان دەرىجىدە مەۋجۇت بولۇۋاتقان مۇسۇلمانلارغا قارشى كەيپىياتنى كەسكىن ئەيىبلەش بولدى. جوۋ بايدىن بۇ توغرىلىق سۆز بولغاندا «بۇ خىل بىرتەرەپلىمىلىك ۋە مۇسۇلمانلارغا ھۇجۇم قىلىشتەك قىلمىشلار پۈتۈنلەي خاتا. بىز بۇنى ھەرگىزمۇ قوبۇل قىلالمايمىز» دېدى.
پرېزىدېنت جوۋ بايدىن تەبرىك باياناتنىڭ ئاخىرىدا «قۇرئان» نىڭ «نۇر» سۈرىسىدىكى «ئاللاھ-ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ نۇرىدۇر» دېگەن ئايەتنى نەقىل كەلتۈرۈش ئارقىلىق يېقىن كەلگۈسىدە نۇرغا تولغان ئۈمىدلەرنىڭ زۇلمەت ئۈستىدىن غالىپ كېلىشىگە بولغان ئىشەنچىنى ئىپادىلىدى.
ئۇ رامىزانلىق باياناتىدا، بۇ بىر ئاينىڭ تېخىمۇ كۆپ خەيرلىككە ۋە بەرىكەتكە سەۋەب بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ بۇ ھەقتىكى تەبرىك باياناتنامىسى ئاق ساراينىڭ تور بېتىدە ھەمدە ئامېرىكا پرېزىدېنتىنىڭ تۋىتتېر بېتىدە ئېلان قىلىنىپ، ھەر ساھە كىشىلىرىنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا سازاۋەر بولدى.