ئۇيغۇر دىيارىدا تېلېفون ۋە ئۇچۇر ئالاقىلىرىدە راست ئىسىم قوللىنىش بەلگىلەندى

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2016-10-02
Share

ئۇيغۇر رايونىدا 1 - ئۆكتەبىردىن ئېتىبارەن تېلېفون ۋە ئۇچۇر - ئالاقە تورلىرىنى كىملىك كىنىشكىسى بويىچە تىزىملاش باشلانغان.

تېلېفون ۋە ئۇچۇر ئالاقە تورلىرى ئابونېنتلىرىنى ئۆز ئىسىم فامىلىسى بويىچە تىزىملاشنىڭ ئۇيغۇر رايونىنىڭ نۆۋەتتىكى مۇرەككەپ ۋەزىيىتىگە ئاساسەن مۇقىملىقنى قوغداش ئۈچۈن ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن.

«شىنجاڭ گېزىتى»نىڭ خەۋىرىدە تەكىتلىنىشىچە، مەزكۇر يېڭىدىن يولغا قويۇلغان نىزام خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان «شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باش نىشانىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى زور تەدبىر» بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن ۋە مۇقىملىق ھەم ئەمىنلىكنى قوغداش ئەھمىيىتىگە ئىگە ئىكەن.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ «تېلېفون ۋە ئالاقە تورى ئابونېنتلىرىنىڭ راست سالاھىيەت ئۇچۇرىنى تىزىملاپ باشقۇرۇش نىزامى» دەپ ئاتالغان 28 ماددىلىق مەزكۇر قانۇنى بەلگىلىمە رەسمىي تەستىقتىن ئۆتۈپ، 1 - ئۆكتەبىر كۈنىدىن ئېتىبارەن پۈتۈن ئۇيغۇر رايونى دائىرىسىدە ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈش باشلانغان بولۇپ، تېلېفون ۋە ئالاقە تور ئابونېنتلىرى بىردەك ھالدا راست سالاھىيەت ئۇچۇرىنى تىزىمغا ئالدۇرىدىكەن، بۇ بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغۇچى شەخس ياكى تېلېفون - ئۇچۇر ئالاقە تىجارەتچىلىرى ۋە ياكى شىركەتلەر قانۇنىي جاۋابكارلىققا تارتىلىدىكەن.

خىتايدىكى، بولۇپمۇ ئۇيغۇر رايونىدىكى ئۇچۇر ئالاقە ۋە ئىنتېرنېت ئەركىنلىكى مەسىلىسى ئۇزۇندىن بۇيان خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ دىققىتىدىن ئورۇن ئېلىۋاتقان بولۇپ، نۆۋەتتە، ئۇيغۇر رايونىدىكى ئىنتېرنېت تور قوللانغۇچىلىرىغا بولغان كونتروللۇقمۇ ھەسسىلەپ كۈچەيتىلگەنلىكى، كىشىلەرنىڭ ئۇيغۇر ئىنتېرنېت تور بەتلىرىدە ئۆز كىملىكى ياكى باشقا ئىسىم قوللىنىپ، ئەركىن مۇنازىرە ئېلىپ بېرىشى ياكى پىكىر بايان قىلىشىنىڭ قاتتىق نازارەت ئاستىدا ئىكەنلىكى شىكايەت قىلىنماقتا.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت