بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كومىسسارى مىشېل باچىلېت 3-ئاۋغۇست تىۋېتتىردا ئۇچۇر بېرىپ «ئىرقىي قىرغىنچىلىق، ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت، ئۇرۇش جىنايىتى، تاجاۋۇزچىلىق قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئىنسانىيەتنىڭ يادرولۇق قىممەت قاراشلىرىنى دەپسەندە قىلىدىغان جىنايەت ھېسابلىنىدۇ؛ دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە سىجىل تەرەققىياتىغا ئېغىر بۇزغۇنچىلىق قىلىدۇ. بىز چوقۇم دۇنيا مىقياسىدا ئادالەتنى تەلەپ قىلىشىمىز، جىنايەتچىلەردىن ھېساب سوراش مېخانىزمى بەرپا قىلىشىمىز لازىم» دېگەن.
كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ خىتاي ئىشلىرى مەسئۇلى سوفى رىچاردسون بۇنىڭغا جاۋاب بېرىپ: «ئەمىسە نېمىگە قاراپ تۇرىسىلەر؟» دېگەن.
مەلۇم بولغىنىدەك، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خىتاينىڭ يىللاردىن بېرى ئۇيغۇر رايونىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىگە سەل قاراپ كېلىۋاتقان بولۇپ، بۇ تەشكىلاتتىكى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىمۇ خىتاي ۋە ئۇنىڭ قوللىغۇچىلىرىنىڭ چىرايىغا قاراپ ئىش تۇتۇپ كەلگەن. تىۋىتتېردا بېرىلگەن باھالاردىن قارىغاندا، سوفى رىچاردسون خانىمنىڭ بۇ جاۋابى مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش جەھەتتە ھېچقانداق ئەمەلىي قەدەم ئالمىغانلىقىغا قويۇلغان سوئال ئىكەن.