ئۇيغۇرلارنى قوللاپ كېلىۋاتقان ياۋروپا پارلامېنت ئەزاسى رېيىنھارد بۆتىكوفېر دەم ئېلىشقا چىققان

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئەركىن تەييارلىدى
2024.06.07

ئۇيغۇرلارنى قوللاش، خىتاينى تەنقىدلەشتە ئوچۇق سۆزلۈكى بىلەن تونۇلغان ياۋروپا پارلامېنت ئەزاسى، گېرمانىيەلىك سىياسىيون رېيىنھارد بۆتىكوفېر (Reinhard Bütikofer) ياۋروپا پارلامېنتىدىكى خىزمىتىدىن ئايرىلىپ پېنسىيەگە چىققان. خەۋەرلەردە، ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ 2022-يىلى 6-ئايدا، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت سادىر قىلغانلىقى، ئۇنىڭ «ئېغىر ئىرقىي قىرغىنچىلىق خەۋپى تەشكىل قىلغانلىقى» نى ئېتىراپ قىلىشىدا ئاچقۇچلۇق رول ئوينىغان بۆتىكوفېرنىڭ، 6-ئىيۇن ئۆتكۈزۈلگەن ياۋروپا پارلامېنتى سايلىمىدا ئۆزىنى نامزاتلىققا كۆرسەتمىگەنلىكى، ئۇنىڭ گېرمانىيەگە قايتىپ پېنسىيەگە چىقىشنى قارار قىلغانلىقى قەيت قىلىنماقتا.

2009-يىلدىن ھازىرغىچە يېشىللار ئىتتىپاقىنىڭ ۋەكىلى سۈپىتى بىلەن ياۋروپا پارلامېنتىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋازىنى يەتكۈزۈپ كەلگەن بۆتىكوفېرنىڭ ۋەزىپىسىدىن ئايرىلىشى، ئۇيغۇرلارنىڭ ياۋروپا سىياسىي سەھنىسىدىكى ئورنىدا بوشلۇق ھاسىل قىلدى، دەپ قارالماقتا.

مەلۇم بولۇشىچە، 71 ياشلىق بۆتىكوفېر ئۆزىنىڭ 15 يىللىق پارلامېنت ئەزاسىلىق ھاياتىدا ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ خىتايغا ئالاقىدار مەسىلىلەردىكى قارارلىرىدا ھالقىلىق رول ئويناپ كەلگەن. شۇڭا ئۇ 2022-يىلى 5-ئايدا، ياۋروپا پارلامېنت ئەزاسى مىرىيام لېكسمان، ئىلخان كۈچۈك بىلەن بىرلىكتە خىتاينىڭ ئېمبارگو ئوبيېكتىغا ئايلانغان ئىدى. خىتاي ھۆكۈمىتى ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى 4 نەپەر خىتاي ئەمەلدارىغا ئېمبارگو قويۇشىدىن ئۆچ ئېلىش مەقسىتىدە بۆتىكوفېر، مىرىيام لېكسمان ۋە ئىلخان كۈچۈك قاتارلىق ئۈچەيلەنگە جازا ئېلان قىلغان ئىدى.

مەلۇم بولۇشىچە، 1970-يىللىرى «ماۋچى»، يەنى (ماۋ زېدوڭنىڭ ئەگەشكۈچىسى) بولغان بۆتىكوفېرنىڭ 1980-يىللىرىدا خىتايغا بولغان مەيدانىنى ئۆزگەرتكەنلىكى قەيت قىلىنماقتا. X تىكى ئۇنىڭغا ئالاقىدار باھالاردا، «ئۇنىڭ خىتاي مەسىلىلىرىدىكى تەجرىبىسى، قابىلىيىتى ۋە ئىشەنچىسى، ئەمەلىيەتچىللىك بىلەن بىرلەشكەن ئىزباسارى يوق چوڭ بىر بوشلۇق قالدۇرغانلىقى» بىلدۈرۈلگەن. ھالبۇكى، بۆتىكوفېر ئۇيغۇرلارنىڭ كۈچلۈك ئاۋازى بولۇپ كەلگەن بولسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ 2022-يىلى 6-ئايدا، ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ خىتاي ئۇيغۇرلارغا «ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلماقتا» دېگەن قارارىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق خەۋپى تەشكىل قىلماقتا» دەپ ئۆزگەرتكۈزگەنلىكى قەيت قىلىنىپ كەلدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.