ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر ئادۋوكات رەيھان ئەسئەت 5-يانۋار كۈنى تۈرمىدىكى ئىنىسى ئەكبەر ئەسئەتنىڭ تۇغۇلغان كۈنى مۇناسىۋىتى ئېلان قىلغان باياناتىدا دۇنيانى ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىسىنى ئۇنتۇپ قالماسلىققا، لاگېرلار تاقالمىغۇچە ھەرىكەت قىلىشتىن توختاپ قالماسلىققا چاقىرغان.
ئۇنىڭ تىۋىتتېر ئارقىلىق ئېلان قىلغان بۇ باياناتى نۇرغۇن مۇھىم شەخسلەر ۋە ئورگانلارنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن.
كانادانىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا تۇرۇشلۇق دائىمىي ئەلچىسى بوب كېيت رى (Robert Keith Rae) رەيھان ئەسئەتنىڭ بۇ باياناتىنى تىۋىتتېرىدا ھەمبەھىرلىگەن ۋە مۇنداق دېگەن: «رەيھان ئەسئەت ئۇيغۇر خەلقى ئۈچۈن داۋا قىلىۋاتقان بىرى، ئۇنىڭ ئىنىسى تۈرمىدە ياتقىلى مانا ھازىر 7 يىل بولدى. ئۇلارنىڭ كۈرىشى ھېلىھەم داۋاملاشماقتا. بىز ھازىرمۇ داۋاملىشىۋاتقان ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئۇنتۇپ قالمايلى».
ئۇ يەنە ئەكبەر ئەسئەت ۋە شۇنىڭغا ئوخشايدىغان ئون مىڭلىغان ئۇيغۇر سىياسىي مەھبۇسلىرىنىڭ ئەركىنلىككە چىقىشىنىڭ ئەڭ مۇھىم مەسىلە بولۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.
كانادادىكى رائۇل ۋاللېنبېرگ كىشىلىك ھوقۇق مەركىزىمۇ تىۋىتتېردىكى ئۇچۇرىدا ئەكبەر ئەسئەتنىڭ 36 ياشقا خىتاينىڭ رەھىمسىز تۈرمىلىرىدە كىرگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ تۇرۇپ: «ئەكبەر ئەسئەت ۋە بارلىق ئۇيغۇرلار يالغۇز ئەمەس»، دېگەن.
ئادوۋكات رەيھان ئەسئەت ئىنىسىنىڭ تۇغۇلغان كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن ئېلان قىلغان باياناتىدا، دۇنيا كۈن تەرتىپى ئوخشىمىغان جايلاردا يۈز بېرىۋاتقان ئۇرۇشلار ۋە زۇلۇملار تۈپەيلىدىن توختىماي ئۆزگىرىۋاتقان بولسىمۇ، ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى ئۇنتۇپ قېلىشقا بولمايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. ئۇ يەنە كىشىلەرنى خىتاي تۈرمىسىدىكى ئىنىسى ئەكبەرگە تۇغۇلغان كۈن كارتىسى ئەۋەتىش ئارقىلىق ئۇنىڭغا ئۈمىد بېرىشكە دەۋەت قىلغان.
ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ چوڭ ئىجتىمائىي مۇنازىرە ۋە تارتقۇ تور بېكىتى بولغان «باغداش تورى» نىڭ قۇرغۇچىسى ئەكبەر ئەسئەت خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن 15 يىللىق كېسىۋېتىلگەنىدى.
ئامېرىكادا ئادۋوكاتلىق كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئەكبەرنىڭ ئاچىسى رەيھان ئەسئەت خانىم بىر قانچە يىلدىن بۇيان قېرىندىشىنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن خەلقئارادا يۇقىرى سەۋىيەلىك تەشۋىقات ھەرىكىتى تەشكىللەپ كەلمەكتە.
