ئامېرىكانىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى لىندا توماس خانىمنىڭ 12-ماي كۈنى يوللىغان تىۋىتتېرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇ 11-ماي كۈنى ئادۋوكات ۋە كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى رەيھان ئەسەت بىلەن كۆرۈشۈپ، ئەكبەر ئەسەت ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش لاگېر قۇربانلىرىنى قۇتۇلدۇرۇشقا تىرىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ مۇنداق دېگەن: «مەن بۈگۈن ئادۋوكات ۋە ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى رەيھان ئەسەت بىلەن كۆرۈشتۈم. ئۇ شىنجاڭدىكى قورقۇنچلۇق كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى ئاشكارىلاش ئىرادىسىگە كەپتۇ، بۇ ئۇنىڭ پرىنسىپچانلىقى ۋە باتۇرلۇقىنى كۆرسىتىدۇ. بىز ئۇنىڭ ئىنىسى ئەكبەر ئەسەت ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارغا چوقۇم ياردەم بېرىشىمىز كېرەك».
رەيھان ئەسەت لىندا توماس خانىمنىڭ تىۋېتتېرىنى ھەمبەھىرلىگەن ۋە ئۆز تەسىراتىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېگەن: «تۆنۈگۈن مەن شەرەپلىك ھالدا باش ئەلچى توماس خانىم بىلەن كۆرۈشتۈم. مۇشۇنداق قىيىن كۈنلەردە ئۇ ماڭا چوڭقۇر ھېسداشلىق قىلدى، مەن بۇنىڭدىن ناھايىتى تەسىرلەندىم. مەن ئىنىم ئەكبەر ئەسەتنىڭ بېشىغا كەلگەن ۋەھشىي قىيىن-قىستاقلارنى ئاڭلاتتىم، ئۇ بۇ ھېكايەمنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلىدى».
رەيھان ئەسەتنىڭ ئىنىسى ئەكبەر ئەسەت خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن 15 يىللىق كېسىلگەندىن كېيىن ئاقسۇغا يۆتكەلگەن بولۇپ، رەيھان ئەسەت بۇ ھەقتە مۇخبىرىمىزغا بەرگەن مەلۇماتىدا ئۆزىنىڭ ئەكبەردىن قاتتىق ئەنسىرەۋاتقانلىقىنى ۋە ئۇنى قۇتۇلدۇرۇپ چىقىشقا تىرىشىۋاتقانلىقىنى، خەلقئارا يىغىنلارغا قاتنىشىپ، ئىنىسى ئەكبەر ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش مىليونلىغان ئۇيغۇرنىڭ لاگېر ئازابىدىن قۇتۇلۇشى ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتقانىدى.
