ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر ئادۋوكات، مۇستەقىل پائالىيەتچى، «باغداش» تورىنىڭ خىتاي تۈرمىسىدىكى قۇرغۇچىسى ئەكبەر ئەسئەتنىڭ ھەدىسى رەيھان ئەسئەت، ئامېرىكا پرېزىدېنت بايدېن تەرىپىدىن تور ئارقىلىق ئۆتكۈزۈلىدىغان دۇنيا دېموكراتىيە يىغىنىدا سۆزلەشكە تەكلىپ قىلىنغان. ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، پرېزىدېنت بايدېن 9-ۋە 10-دېكابىر كۈنلىرى ئۆتكۈزۈلىدىغان بۇ يىغىنغا تەيۋەننىى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەر قايسى ئەل ھۆكۈمەت رەھبەرلىرىنى، ئاممىۋى تەشكىلات ۋە خۇسۇسى ئىگىلىك مەسئۇللىرىنى تەكلىپ قىلغان. بىراق خىتاي بىلەن رۇسىيەنى تەكلىپ قىلمىغان ئىدى.
رەيھان 4-دېكابىر تۋىتتېردا ئېلان قىلغان ئۇچۇرىدا، ئۆزىنىڭ پرېزىدېنت بايدىن تەرىپىدىن بۇ يىغىندا سۆزلەشكە تەكلىپ قىلىنغانلىقىنى بىلدۈرگەن. رەيھان ئەسئەتنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇنىڭ يىغىندا سۆزلەيدىغان سۆزى «بىر مۇستەقىل ئاۋاز ۋە تەشەببۇسكار بولۇش سۈپىتىدە ئۇنىڭ پرىنسىپال مەيدانى، قىممەت قارىشى، كەلگۈسىگە بولغان ئۈمىتى» نى ئىپادىلەيدىكەن. ئۇ يەنە «خىتايدىن بولغانلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دۇنيا رەھبەرلىرىنى ئۇنىڭغا ئاۋاز قوشۇشقا ۋە ئىشتىراك قىلىشقا تەكلىپ قىلىدىغانلىقى» نى ئېيتقان.
ئەكبەر ئەسئەت 2016-يىلى ئامېرىكانى زىيارەت قىلىپ قايتقاندىن كېيىن غايىب بولغان بولۇپ، كېيىنرەك ئۇنىڭ 15 يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلىنىپ، ئاقسۇدىكى تۈرمىگە قامالغانلىقى مەلۇم بولغان.
تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ يىغىن دېموكراتىك دۆلەتلەر دۇچ كەلگەن خىرىس ۋە پۇرسەتلەرگە مەركەزلىشىپ، رەھبەرلەرنىڭ دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدا دېموكراتىيە، كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداشتىكى شەخسىي ۋە كوللېكتىپ ۋەدىلەرنى، ئىسلاھات ۋە تەشەببۇسلارنى ئېلان قىلىشى ئۈچۈن سەھنە ھازىرلاپ بېرىدىكەن.
