ئاۋسترالىيەدە مۇھاجىرەتتە تۇرۇۋاتقان، ئۇيغۇر دىيارىدىن كۆچۈپ چىققان تاتار يازغۇچىسى سۈيۈنگۈل چانىشىپنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 50-60-يىللاردا ئۇيغۇر دىيارىدا ئېلىپ بارغان سىياسىي كۈرەشلىرى ھەققىدە ئۇيغۇر تىلىدا يېزىلغان «كۆز يېشىدا نەملەنگەن زېمىن» ناملىق تارىخىي بىئوگرافىك رومانىنىڭ ئەنگلىيەدە ياشايدىغان ئۇيغۇر زىيالىيسى رەھىمە مەخمۇت تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان ئىنگلىزچە نۇسخىسى، خەلقئارا قەلەمكەشلەر جەمئىيىتىنىڭ 2017-يىللىق تەرجىمە ئەسەر مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.
خەلقئارا قەلەمكەشلەر جەمئىيىتى تورىدا 10-ئىيۇن شەنبە كۈنى ئېلان قىلىنغان خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ قېتىم مۇكاپات نامزاتى قىلىپ كۆرسىتىلگەن ئەسەرلەر تىزىملىكىدە 14 خىل تىلدىن تەرجىمە قىلىنغان ئەسەرلەر بار بولۇپ،مۇكاپاتلانغان ئەسەرلەر ئارىسىدىكى 1980-يىللاردا ئۇيغۇر دىيارىدىن ئاۋسترالىيەگە كۆچمەن بولۇپ يەرلەشكەن سۈيۈنگۈل چانىشىپنىڭ«كۆز يېشىدا نەملەنگەن زېمىن» ماۋزۇلۇق ئەسىرىدە خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ 20-ئەسىرنىڭ 50-60-يىللىرىدا ئۇيغۇر دىيارىدا ئېلىپ بارغان بىرقانچە قېتىملىق سىياسىي كۈرەشلىرىدە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان ئۇيغۇر،تاتار ۋە باشقا مىللەتلەرنىڭ بېشىغا كەلگەن ئاچچىق قىسمەتلىرى تەسۋىرلەنگەن.
سۈيۈنگۈل چاناشىپنىڭ «كۆز يېشىدا نەملەنگەن زېمىن» ناملىق رومانى 2009-يىلى تۈركىيەدە ئۇيغۇر تىلىدا نەشر قىلىنغاندىن كېيىن، مەزكۇر ئەسەر ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىشىدا ئاۋازلىق ئاڭلىتىلغان ۋە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا قىزغىن ئالقىشقا ئېرىشكەن ئىدى. بۇ ئەسەر تۈرك، ئىنگلىز ۋە باشقا تىللارغا تەرجىمە قىلىنغان.
