رومانىيەنىڭ بۇخارېست شەھەرلىك ئەرزىيەت سوتى چارشەنبە كۈنى كوممۇنىستلار دەۋرىدە ھوقۇق تۇتقان بىر كومپارتىيە كادىرىنىڭ ئەرزىنى رەت قىلىپ، ئۇنىڭغا بېرىلگەن 20 يىللىق قاماق جازاسىنى ئىناۋەتلىك، دەپ ئېلان قىلدى.
بۇ يىل 90 ياشلاردىكى ئالېكساندرۇ ۋېسىنېسكۇ بۇنىڭدىن 50-60 يىل ئاۋۋال رومانىيەدىكى بىر تۈرمىنى قوغدايدىغان قوراللىق ئەترەتنىڭ كوماندىرلىقىنى ئاتقۇرغان. لېكىن رومانىيەدە 1989-يىلى كوممۇنىستلار ئاغدۇرۇلغاندىن كېيىن، ئۇ مەھبۇسلارنى خورلاش، 1956-1963-يىللار ئارىلىقىدا 12 نەپەر سىياسىي مەھبۇسنىڭ ئۆلتۈرۈلۈش ۋەقەسىدە جاۋابكارلىقى بار، دەپ قولغا ئېلىنغان.
ۋېسىنېسكۇ ئىنسانلىققا قارشى تۇرۇش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىپ سوتلانغان.
سوت 2015-يىلى 7-ئايدا ئۇنىڭغا 20 يىللىق قاماق جازاسى ھۆكۈم قىلغان، ئەمما ئۇ ھۆكۈمگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ يۇقىرى سوتقا ئەرز سۇنغان ئىدى.
ۋېسىنېسكۇنىڭ ئادۋوكاتى ئۇنىڭ بۇيرۇقنى ئىجرا قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما ئەرزىيەت سوتى ئۇنىڭ باھانىسى پۇت تىرەپ تۇرالمايدۇ، دەپ قارىغان. سوتنىڭ قارارىنى قوللىغۇچىلارنىڭ كۆرسىتىشىچە، سوتنىڭ قارارى كوممۇنىستلار دەۋرىدىكى جىنايى دېلولارنى سوتلاشنىڭ ئۈلگىسىنى تىكلەپ بەرگەن.
