دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلار روزا ھېيتنى تەبرىكلىدى

10-ئاپرېل كۈنى پۈتۈن دۇنيادىكى مۇسۇلمانلار مۇبارەك روزا ھېيتنى كۈتۈۋالدى. مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارمۇ ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق دۆلەتلەردىكى ئۇيغۇر جامائىتى بىلەن بىرلىكتە ھېيت نامىزى ئوقۇدى ۋە بىر-بىرىگە ھېيتلىق تىلەكلىرىنى بىلدۈردى.

بۇ يىللىق رامىزان ۋە روزا ھېيت يەنىلا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەرگە قاراتقان باستۇرۇشلىرى داۋاملىق كۈچەيگەن، مىليونلارچە ئۇيغۇر لاگېر-تۈرمىلەرگە قامالغان، ئۇيغۇرلار پۈتكۈل مىللەت بويىچە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق زۇلۇمىغا ئۇچراۋاتقان مەزگىلىگە توغرا كەلدى.

ئىگىلىشىمىزچە، روزا ھېيت كۈنى ئامېرىكا، كانادا، ئاۋسترالىيە، گېرمانىيە، تۈركىيە، گوللاندىيە، شىۋېتسىيە، نورۋېگىيە، قازاقىستان، قىرغىزىستان قاتارلىق ئەللەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر جامائىتى ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق شەھەرلەردىكى مەسچىت-جامەلەرگە جەم بولۇپ، روزا ھېيت نامىزىنى بىرلىكتە ئوقۇغان.

ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتون ئەتراپىدىكى ئىشتاتلاردا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ۋىرجىنىيە ئىشتاتى فايرفاكس رايونىغا جايلاشقان ۋان دىيك (Van Dyck) باغچىسىغا جەم بولۇپ، ھېيت نامىزىنى بىرلىكتە ئوقۇدى. نامازغا جەم بولغان 300 دىن ئارتۇق جامائەت نامازدىن كېيىن دۇئا قىلىپ، خىتاينىڭ زۇلۇمى تۈپەيلىدىن ئۆزلىرىنىڭ ھېيت خۇشاللىقىدىنمۇ مەھرۇم بولغان قېرىنداشلىرىنىڭ تىنچ-ئامانلىقىنى تىلىدى.

10-ئاپرېل كۈنى روزا ھېيت مۇناسىۋىتى بىلەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بايانات ئېلان قىلىپ، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى مۇسۇلمانلار، جۈملىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ روزا ھېيت بايرىمىنى تەبرىكلەش بىلەن بىرگە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قەبىھ باستۇرۇش سىياسىتى ئاستىدا دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىدىن ئايرىلغان ئۇيغۇرلارنىڭ قىيىن ۋەزىيىتىنى قايتا ئەسكەرتتى.

مەزكۇر باياناتتا، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا مۇنداق دېگەن: «شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ روزا تۇتۇشى ھەر يىلى چەكلىنىپ كەلدى. چۈنكى خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇلارنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى باستۇرىدىغان سىياسەت يۈرگۈزۈۋاتىدۇ. خىتاينىڭ بۇ قىلمىشلىرى ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتى، ئېتىقادى ۋە كىملىكىنى يوقىتىش ئۈچۈن قانات يايدۇرغان سىستېمىلىق ھەرىكىتىدۇر» .

مەزكۇر باياناتتا، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتىقادى ۋە ئىسلام مەدەنىيىتىگە قىلغان بۇزغۇنچىلىقىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايەتلىرىنىڭ مۇھىم بىر قىسمى ئىكەنلىكى كۆرسىتىلگەن. ئاندىن «پۈتۈن دۇنيا مۇسۇلمانلىرى مۇبارەك روزا ھېيت بايرىمىنى تەبرىكلەۋاتقان مۇشۇ كۈندە، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مۇسۇلمان دۆلەتلەر ۋە ئىسلامىي تەشكىلاتلارنى خىتاينىڭ جىنايىتىگە سۈكۈت قىلىشنى، ھەتتا خىتاي بىلەن ھەمكارلىشىشنى توختىتىشقا چاقىرىق قىلىدۇ» دېيىلگەن.