رامىزاندا روزا تۇتۇش چەكلىنىپ، ھېيت نامىزى ئوقۇشمۇ خەتەرلىك ئىشقا ئايلانغان ئۇيغۇر دىيارىدا ھېيت تەنتەنىسى ھازىر خىتايلار ئارىلىشىپ ئوينايدىغان ۋە تاماشا كۆرىدىغان پائالىيەتكە ئايلىنىپ قالغان.
خىتاينىڭ «تەڭرىتاغ تورى» ۋە «شىنجاڭ گېزىتى تورى» 10-ئاپرېل كۈنى تارقاتقان سۈرەتلىك خەۋەرگە قارىغاندا، قەشقەردىكى «ھەر مىللەت خەلقى» قەشقەر خەلق مەيدانىغا توپلىنىپ، «روزا ھېيتلىق مەشرەپ» ئوينىغان بولۇپ، مەيدانغا توپلانغان كىشىلەرنىڭ ئىچىدە بۇ تاماشىغا قېتىلغان خىتايلارنىڭمۇ خېلى كۆپلۈكى روشەن كۆرۈلىدۇ. بىر سۈرەتتە، مۇشۇ پائالىيەت ئۈچۈن ئالاھىدە ياسىنىپ، گىرىم قىلغان ئۇيغۇر قىزى بىلەن بىر خىتاينىڭ بىرلىكتە ئۇسسۇل ئويناۋاتقان كۆرۈنۈشى بېرىلگەن. ئۇيغۇر، تاجىك، قىرغىز مىللىتىنىڭ كىيىملىرىنى كىيگەن، قارىماققا ئارتىسقا ئوخشايدىغان كىشىلەرنىڭ تۇرغان تۇرقى ۋە ئۇسسۇل شەكىللىرىدىن ئۇلارنىڭ مەخسۇس بۇ پائالىيەت ئۈچۈن ئوبراز ۋەكىلى بولۇپ كەلگەنلىكى ئايان بولماقتا. مودا كىيىنگەن خىتايلار بىلەن مىللىيچە كىيىنگەن ئارتىسلارنىڭ ماۋ زېدۇڭ ھەيكىلى ئالدىدا ۋە قويۇق خىتايچە پاسوندا بېزەلگەن مەيداندا بىر-بىرىگە قوشۇلۇپ ئۇسسۇل ئوينىشى، قانداقتۇر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەشۋىقاتىدىكى «گۈزەل ۋە بەختىيار شىنجاڭ» مەنزىرىسىنى ھاسىل قىلغاندەك كۆرسىتىلگەن.
رادىيومىز مۇخبىرىنىڭ ئېنىقلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى بىر ئاي رامىزان بويىچە، ھەر قايسى جايلاردا روزا تۇتۇشنى چەكلەپ، يەپ-ئىچىش ۋە كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرىنى كۆپلەپ ئۇيۇشتۇرغان. قەشقەردىكى روزا ھېيتلىق تەبرىكلەش پائالىيىتىدىن قارىغاندا، بۇ بايرام ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەر ئارتىستەك ياسىنىپ ئويۇن قويىدىغان، ئاتالمىش «شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ بەختىيار ياشاۋاتقانلىقى» نى كۆرسىتىدىغان تەشۋىقات پائالىيىتىگە ئايلىنىپ قالغان؛ ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسلام مەدەنىيىتى بىلەن بىرلەشكەن ئۆرپ-ئادەتلىرى، قائىدە يوسۇنلىرى تامامەن يەكلەنگەن، خىتاينىڭ تەسىرى بارغانچە سىڭىپ كېتىۋاتقان بىر ۋەزىيەت شەكىللەنگەن.