پۇتىننىڭ پرېزىدېنتلىققا سايلىنىشى خىتاينىڭ قىزغىن تەبرىكلىشى، غەرب ئەللىرىنىڭ سوغۇق مۇئامىلىسىگە ئۇچرىدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2018.03.19

رۇسىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن پرېزىدېنت سايلىمىدا ۋلادىمىر پۇتىن قايتا پرېزىدېنتلىققا سايلاندى. ئۇ سايلام بېلىتىنىڭ ئاز كەم 77% گە ئېرىشىپ، يەنە 6 يىل ۋەزىپىدە ئولتۇرۇش ھوقۇقىغا ئېرىشكەن.

ب ب س نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، پۇتىننىڭ سايلامدا غەلىبە قىلىشى خىتاينىڭ قىزغىن تەبرىكلىشىگە ئېرىشكەن بولسىمۇ، لېكىن غەرب دۆلەتلىرىنىڭ سوغۇق مۇئامىلىسىگە ئۇچرىغان.

خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ دۈشەنبە كۈنى پۇتىنغا دەرھال تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتىپ، ئۇنى تەبرىكلىگەن. ئۇ تەبرىك تېلېگراممىسىدا رۇسىيە-خىتاي ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنىڭ «تارىختىكى ئەڭ ياخشى مەزگىل»دە تۇرۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ، رۇسىيەنىڭ پۇتىن دەۋرىدە قولغا كەلتۈرگەن «نەتىجىلىرى»گە يۇقىرى باھا بەرگەن.

رۇسىيە بۇ قېتىمقى پرېزىدېنتلىق سايلىمى بىلەن خىتاي خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ مەملىكەتلىك يىغىنى ئوخشاش مەزگىلدە ئۆتكۈزۈلدى. پۇتىن دۈشەنبە كۈنى پرېزىدېنتلىققا سايلىنىشتىن ئىككى كۈن ئاۋۋال خىتاي خەلق قۇرۇلتىيى شى جىنپىڭنىڭ دۆلەت رەئىسلىكىگە سايلانغانلىقى ئېلان قىلىنغان.

پۇتىن شى جىنپىڭغا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتىپ، ئۇنى تەبرىكلىگەن ئىدى. لېكىن ب ب س نىڭ بىلدۈرۈشىچە، پۇتىننىڭ قايتا پرېزىدېنتلىققا سايلىنىشى رۇسىيە بىلەن غەربنىڭ مۇناسىۋىتى يامانلىشىپ كەتكەن مەزگىلگە توغرا كەلگەن.

يېقىندا ئەنگلىيەدە رۇسىيەلىك سابىق بىر جاسۇسنى زەھەرلەش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، غەرب بىلەن رۇسىيەنىڭ مۇناسىۋىتى تېخىمۇ جىددىيلىشىپ كەتكەن.

گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مائاس، رۇسىيەدىكى سايلامنىڭ ئادىل بولمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ، رۇسىيەنىڭ ئالاقە قىلىش مۈشكۈل بىر دۆلەت ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.

پۇتىن 1999‏-تارتىپ ھازىرغىچە ئىزچىل باش مىنىستىر ياكى پرېزىدېنتلىق ۋەزىپىسىنى ئاتقۇرۇپ كەلمەكتە.

كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتى يېقىندا ئېلان قىلغان بىر دوكلاتىدا، پۇتىن ۋە شى جىنپىڭغا ئوخشاش رەھبەرلەر دۇنيادا ئىستىبداتلىقنىڭ كۈچىيىپ، كىشىلىك ھوقۇق، دېموكراتىيەنىڭ چېكىنىپ كېتىشىگە سەۋەب بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.