رۇسىيە رۇمىنىيەگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا قالقان سىستېمىسىغا نارازى بولدى


رۇمىنىيەگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئامېرىكا باشقۇرۇلىدىغان بومبا قالقان سىستېمىسى رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى. گەرچە ئامېرىكا بۇنىڭ رۇسىيەگە قارىتىلمىغانلىقىنى تەكىتلەپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، بۇ رۇسىيەنىڭ ئېتىراز بىلدۈرۈشىگە ئۇچرىدى.

ئامېرىكا مۇداپىئە دائىرىلىرى مەزكۇر باشقۇرۇلىدىغان بومبا قالقان سىستېمىسىنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھتى تەشكىلاتى - ناتوغا ئەزا دۆلەتلەرنى بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ تەھدىتىدىن قوغداشنى مەقسەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئامېرىكىنىڭ ياۋروپا ۋە ئافرىقىدا قىسىملىرىغا مەسئۇل كوماندىرى مارك فېرگۇسون رۇمىنىيەنىڭ دېۋېسېلۇ رايونىغا جايلاشتۇرۇلغان مەزكۇر قالقان سىستېمىسىنىڭ ئېچىلىشى مۇراسىمىدا قىلغا سۆزىدە: «بۈگۈن ئامېرىكا ۋە رۇمىنىيە بۇ سىستېمىنى ناتو ئىتتىپاقداشلىرىغا يەتكۈزۈش ئارقىلىق تارىخ ياراتتى» دېدى.

ھالبۇكى، ئامېرىكىنىڭ مەزكۇر سىستېمىسى رۇسىيە دائىرىلىرىنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىدى.

جۈمە كۈنى بۇ ھەقتە توختالغان كرېمىل سارىيى باياناتچىسى دمىتري پېسكوۋ: «مۇتەخەسسىسلىرىمىزنىڭ پىكرى بويىچە، بىز بۇ سىستېمىنىڭ ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈشى رۇسىيەنىڭ خەۋپسىزلىكىگە بىۋاسىتە تەھدىت شەكىللەندۈرىدۇ، دەپ ئىشىمىز» دېدى.

مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكا دائىرىلىرى 800 مىليون دوللار چىقىم قىلىنغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن مەزكۇر قالقان سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى 2013 - يىلى باشلىغان.