يەكشەنبە كۈنىدە رۇسىيىدە پارلامېنت سايلىمى ئۆتكۈزۈلدى. رويتېرسنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، دەسلەپكى قەدەمدىكى سايلام نەتىجىسىدە، پرېزىدېنت ۋلادىمىر پۇتىن رەھبەرلىكىدىكى ھاكىمىيەت بېشىدا تۇرىۋاتقان «بىرلەشكەن رۇسىيە» پارتىيىسىنىڭ سايلامدا غەلىبە قىلىشى، يەنى پارلامېنتتا كۆپ ئورۇننى ئىگىلىشى جەزىملەشكەن.
بۇ قېتىمقى پارلامېنت سايلىمىدا پۈتۈن رۇسىيە مىقياسىدىكى 11 سايلام رايونىدىن جەمئىي 110 مىليون ئادەم بېلەت تاشلاش ئۈچۈن ئۆزىنى تىزىملاتقان.
رۇسىيە پارلامېنتىدا 450 ئورۇن تەسىس قىلىنغان بولۇپ، باشقا ئۆكتىچە پارتىيىلەرمۇ پارلامېنتتا مەلۇم ئورۇننى ئىگىلەشنى ئۈمىد قىلىدىكەن.
پارلامېنتتىكى مەزكۇر 450 ئورۇننىڭ 225 نى ھەر قايسى پارتىيىلەر تەرىپىدىن كۆرسىتىلگەنلەر ئىگىلىسە، قالغان ئورۇننى رۇسىيەنىڭ ھەر قايسى ئۆلكە ۋە جۇمھۇرىيەتلىرى تەرىپىدىن كۆرسىتىلىپ، سايلانغانلار ئىگىلەيدىكەن.
رۇسىيىدە ئۆتكۈزۈلگەن بۇ قېتىمقى پارلامېنت سايلىمىنىڭ 2018 - يىلى ئۆتكۈزۈلىدىغان پرېزىدېنت سايلىمىغا تەسىر كۆرسىتىشى، جۈملىدىن ۋلادىمىر پۇتىننىڭ يەنە بىر نۆۋەت پرېزىدېنت بولۇشىدىكى سايلام پائالىيەتلىرىدە مۇھىم رول ئوينىشى پەرەز قىلىنماقتا.