خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوتى ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلغان رۇسىيەنى ئۇكرائىنالىق بالىلارنى تۇتقۇن قىلغانلىقى ۋە ئاممىۋى ئەسلىھەلەرنى ھۇجۇم نىشانى قىلغانلىقى بىلەن ئەيىبلىمەكچى ئىكەن.
«نيۇ-يورك ۋاقتى گېزىتى» نىڭ 13-مارت كۈنى بەرگەن خەۋىرىگە قارىغاندا، رۇسىيە ئۆتكەن يىل 2-ئايدا ئۇكرائىناغا بېسىپ كىرگەندىن بۇيان ئىنسانىيەتكە قارشى نۇرغۇن جىنايەتلەرنى ئۆتكۈزگەن بولۇپ، خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوتى ئالاھىدە تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ ئۇكرائىنالىق بالىلار ۋە ياشلارنى ئۆزىنىڭ «قايتا تەربىيەلەش لاگېرى» غا ئېلىپ كەتكەنلىكىنى، ئۇكرائىنانىڭ ئاممىۋى ئەسلىھەلىرىنى ۋەيران قىلغانلىقىنى تەكشۈرۈپ دەلىللىگەن. رۇسىيە بۇ جىنايەتلىرىنى ئىنكار قىلغان ۋە ئەيىبلەشلەرنى رەت قىلغان، ئەمما خەلقئارا تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى ۋە ئۇكرائىنالىق تەپتىشلەر رۇسىيە بىر يىلدىن بۇيان ئۆتكۈزگەن جىنايەتلەرنىڭ ئىسپاتلىرىنى توپلىغان.
خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوتىنىڭ باش تەپتىشى كەرىم خان (Karim Khan) ئەيىبنامىنى ئاۋۋال تەييارلىق سوراق گۇرۇپپىسىغا تاپشۇرىدىغانلىقىنى، ئاندىن بۇ گۇرۇپپىنىڭ جىنايەتچىلەرنى تۇتۇش بۇيرۇقى ئىمزالاش ياكى تېخىمۇ كۆپ ئىسپات توپلاشنى قارار قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ھازىرچە خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوتىنىڭ بۇ دېلودا كىمنى جىنايەتچى دەپ ئەيىبلەيدىغانلىقى تېخى ئېنىق ئەمەس ئىكەن. ئەمما بەزى چەتئەللىك دىپلومات ۋە مۇتەخەسىسلەرنىڭ قارىشىچە، رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىننىڭ ئەيىبلىنىش ئېھتىمالى كۈچلۈك ئىكەن. چۈنكى خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوتىنىڭ پرىنسىپىغا كۆرە، بىرەر دۆلەت رەھبىرى ئەگەر ئۇرۇش جىنايىتىگە، ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىگە چېتىلىپ قالسا كەچۈرۈم قىلىنمايدىكەن.
يېل ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى 2-ئايدا ئېلان قىلغان بىر دوكلاتقا كۆرە، ئاز دېگەندە 6000 دىن كۆپ ئۇكرائىنالىق بالىلار رۇسىيەنىڭ 43 لاگېرىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان. ئەمما ئۇكرائىنا تەرەپنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ بالىلارنىڭ سانى 16 مىڭدىن كۆپ ئىكەن.
بۇ ئەھۋال خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا ئۆتكۈزگەن ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىگە ئوخشايدىغان بولۇپ، 2020-يىلنىڭ ئاخىرىدا تەتقىقاتچى ئادرىيان زېنز دوكلات ئېلان قىلىپ، يۈز مىڭلىغان ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ ياتاقلىق بالىلار لاگېرلىرىدا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى، يەكەن ناھىيەسىنىڭ ئۆزىدە 10 مىڭدىن ئارتۇق ئۇيغۇر بالىنىڭ بالىلارنىڭ لاگېرىدا ئىكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ ئاتا-ئانىلىرىنىڭ لاگېر، تۈرمىلەردە ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىغانىدى. خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ باشلاتقان بۇ سىستېمىلىق قىرغىنچىلىق ۋە جىنايەتلەر تېخى خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوتى تەرىپىدىن تەكشۈرۈلمەي كەلمەكتە.
