رۇسىيە بىلەن تاجىكىستان بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىر باشلىدى

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2016-03-09
Share

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ۋە ئافغانىستان بىلەن چېگرىلىنىدىغان تاجىكىستان جۇمھۇرىيىتى چارشەنبە كۈنى رۇسىيە بىلەن بىرلىشىپ، كەڭ كۆلەمدە بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزۈشكە كىرىشكەن.

رۇسىيەنىڭ ئىنتېرفاكىس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، رۇسىيە ئۆزىنىڭ مانېۋىرغا قاتناشتۇرىدىغان توشۇش ئايروپىلانلىرى بىلەن ھەربىي ئاپتوموبىللارنى تەكشۈرۈش ئەترىتىنى، ھەربىي ساقچى ئەترەتلىرىنى ۋە بىر قىسىم ئەسلىھەلىرىنى دۈشەنبىگە ئېلىپ كەلگەن.

رۇسىيە مەركىزى ھەربىي رايونى قوماندانىنىڭ ياردەمچىسى پولكوۋنىك ياروسلاۋ روشۇشكىننىڭ بىلدۈرۈشىچە، بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىرغا تاجىكىستان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ۋە رۇسىيە مەركىزى ھەربىي رايونىنىڭ باشقارمىلىرى، جۈملىدىن موتورلاشقان قىسىملار، تانكا ۋە توپچىلار قىسمى، ئالاھىدە ۋەزىپە قىسمى، پاراشۇتچىلار ۋە پاراشۇتچى-ھۇجۇمچىلار قىسىملىرى قاتنىشىدىكەن. ئەمەلىي ھەربىي مانېۋىرغا يەنە كۈچلۈك ھاۋا ئارمىيە گۇرۇپپىلىرىمۇ ماسلىشىدىكەن.

رۇسىيە پولكوۋنىكى روشۇشكىن مانېۋىرنىڭ ئۇسۇلى ھەققىدە چۈشەنچە بېرىپ، بۇنىڭدا ئىككى دۆلەت ئارمىيەسىنىڭ ئۆز-ئارا ماسلىشىپ، تاغلىق رايونلاردىكى قانۇنسىز قوراللىق كۈچلەرگە قارشى بىرلىكتە جەڭ قىلىش، دۈشمەننىڭ بازا، ئىسكىلات ۋە باشقا نۇقتىلىرىنى يوقىتىش ئۇسۇللىرى قاتارلىقلارنى كۆرسىتىدىكەن.

تاجىكىستاننىڭ «ئاسىيا-پلۇس» ئاگېنتلىقى، ئۆتكەن ھەپتە رۇسىيە ۋە تاجىكىستان قوراللىق كۈچلىرىنىڭ 15-20-مارت كۈنى تاجىكىستاننىڭ جەنۇبىدىكى خاتلون گارنىزونىغا تەۋە بەش ھەربىي مەشىق نۇقتىلىرىدا مانېۋىر ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى، بۇ مانېۋىرغا ئىككى دۆلەتنىڭ 50 مىڭ ھەربىي خادىمى قاتنىشىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلغان ئىدى. ئەمما، ھازىرغىچە رۇسىيە تەرەپتىن قاتنىشىدىغان ھەربىي خادىملارنىڭ سانى تېخىچە ئېنىق ئەمەس بولسىمۇ، ئەمما خەۋەردە يەنە بۇ بىرلەشمە مانېۋىرغا رۇسىيەنىڭ تاجىكىستاندا تۇرۇشلۇق 201-ھەربىي بازىسىنىڭمۇ قاتنىشىدىغانلىقى ئەسكەرتىلگەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت