رۇسىيەنىڭ يەنە تۈركىيە ھاۋا بوشلۇقى تەۋەلىكىگە كىرگەنلىكى تەنقىدكە ئۇچرىدى

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2016.01.31


رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تۈركىيە تەرەپنىڭ 30 - يانۋار كۈنىدىكى رۇسىيەنىڭ بومباردىمانچى ئايروپىلاننىڭ يەنە تۈركىيە ھاۋا بوشلۇقى تەۋەلىكىگە كىرگەنلىكىگە ئائىت قاتتىق ئەيىبلىشىگە ئىنكاس قايتۇرۇپ، بۇ ئەيىبلەشنى رەت قىلغان. رۇسىيە مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ۋەكىلى گېنېرال مايور ئىگور كوناشېنكوۋ مەزكۇر ئەيىبلەشنى رەت قىلغان.

ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ يېزىشىچە، 30 - يانۋار كۈنى تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى جۈمە كۈنى رۇسىيەنىڭ سۇ - 34 تىپلىق بومباردىمانچى ئايروپىلانىنىڭ تۈركىيە ھاۋا بوشلۇقى چېگراسىنى بۇزغانلىقى سەۋەبىدىن رۇسىيەنىڭ تۈركىيەدىكى باش ئەلچىسىنى چاقىرتىپ، تۈركىيەنىڭ نارازىلىقىنى بىلدۈرگەن.

رويتېرسنىڭ يېزىشىچە، ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ۋەكىلى مارك ۋرايىت رۇسىيە ئايروپىلانىنىڭ يەنە بىر قېتىم تۈركىيە ھاۋا بوشلۇقى تەۋەلىكىگە كىرگەنلىكىنىڭ مۇئەييەنلەشتۈرگەن ھەمدە رۇسىيەنى شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ھاۋا بوشلۇقىنى ھۆرمەت قىلىشقا چاقىرغان.

ناتو باش كاتىپى جىنس ستولتېنبېرگ رۇسىيەنىڭ بۇ قىلمىشىنى تەنقىد قىلىپ، رۇسىيەنى ناتونىڭ ھاۋا بوشلۇقى تەۋەلىكىنى بۇزماسلىققا كاپالەتلىك قىلىدىغان بارلىق چارىلەرنى قوللىنىشقا چاقىرغان.

تۈركىيە ئاۋازى رادىئوسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، تۈركىيە پرېزىدېنتى ئەردوغان مۇخبىرلارنىڭ بۇ ھەقتىكى سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىپ، رۇسىيەنى تەنقىد قىلىپ، «بۇ خىلدىكى مەسئۇلىيەتسىزلەرچە تاشلىغان قەدەملەر نە رۇسىيەگە نە ناتو - رۇسىيە مۇناسىۋەتلىرىگە نە رايون ۋە دۇنيا تىنچلىقىغا پايدىسى يوق. ئەكسىچە جىددىي زىيان بېرىدۇ.» دېگەن. ئۇ، يەنە رۇسىيەنى «پ ك ك تېررورچى تەشكىلاتىنى قوللىدى» دەپ ئەيىبلىگەن

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.