رۇسىيەنىڭ داڭلىق ئۇيغۇر پۇتبول چولپىنى جامالىدىن دانىيە كوماندىسىغا كەتكەن
رۇسىيەنىڭ مەشھۇر ئۇيغۇر پۇتبول چولپىنى 19 ياشلىق جامالىدىن خوجانىيازوف رۇسىيەنىڭ ياشلار «زېنت» كوماندىسىدىن ئۆتكەن يىلىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا دانىيەنىڭ «ئورخۇس» كوماندىسىغا كەتكەن.
رۇسىيە مەتبۇئاتلىرىنىڭ تەنتەربىيە خەۋەرلىرىدە خوجانىيازوفنىڭ دانىيە كوماندىسىغا يۆتكىلىشى قىزىق نۇقتىغا ئايلانغان بولۇپ، جامالىدىن خوجانىيازوفنىڭ «زېنت» كوماندىسىدىن ئايرىلىش سەۋەبى ھەققىدە ھەر خىل قىياسلار ئوتتۇرىغا چىققان. رۇسىيەنىڭ تەنتەربىيە تورلىرىدىن «چېمپىيونات» تىكى ئۇچۇردا ئېيتىلىشىچە، «زېنت» كوماندىسى پەقەت ئىككى يىلدىن كېيىنلا خوجانىيازوفنى قايتۇرۇپ كېلىش سالاھىيىتىگە ئىگە بولىدىكەن.
جامالىدىن خوجانىيازوف رۇسىيە دۆلەتلىك «17 ياشلىقلار» كوماندىسىنىڭ ئاساسلىق ئەزاسى سۈپىتىدە 2013-يىلى ياۋروپا چېمپىيونلۇقىنى تالىشىش مۇسابىقىسىگە قاتنىشىپ، رۇسىيە كوماندىسىنىڭ ياۋروپا چېمپىيونى بولۇشىغا ئالاھىدە ھەسسە قوشۇپ داڭ چىقارغان ئىدى. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ، «زېنت» ۋە رۇسىيە دۆلەتلىك ياشلار كوماندىسى تەركىبىدە پۇتبول ئوينىغان.
جامالىدىن خوجانىيازوف 1996-يىلى تۈركمەنىستاننىڭ بايرامئالى رايونىدا ئۇيغۇر زىيالىيسى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. بايرامئالى 1882-1883-يىللىرى ئارىسىدا ئىلى ۋادىسىدىن كۆچۈپ كەلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ ماكانىغا ئايلانغان بولۇپ، خوجانىيازوف نوپۇسى ئىككى مىڭ ئەتراپىدىكى تۈركمەنىستان ئۇيغۇرلىرى ئارىسىدىن يېتىشىپ چىقىپ، پۈتۈن رۇسىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مۇستەقىل دۆلەتلەر ھەمدوستلۇقىغا تونۇلغان پۇتبولچىغا ئايلانغان ئىدى.