رۇسىيەنىڭ يېكاتىرىنابۇرگ شەھىرىدىكى ئۇيغۇر جەمئىيىتى رامىزانلىق پائالىيىتى ئۆتكۈزدى

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2016-07-03
Share

رۇسىيەنىڭ ئۇرال رايونىغا جايلاشقان يېكاتېرىنابۇرگ شەھىرىگە جايلاشقان ئۇيغۇر ئاھالىسى بىرىنچى ئىيۇل كۈنى رامىزانلىق پائالىيەت ئۆتكۈزگەن.

پەرغانە ئۇچۇر تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مەزكۇر شەھەرگە جايلاشقان ئۇيغۇرلارنىڭ «يىپەك يولى» ناملىق مىللىي مەدەنىيەت ئاپتونومىيە جەمئىيىتى مەزكۇر پائالىيەتنى ئوزىنىڭ تۇنجى ئاممىۋى پائالىيىتى سۈپىتىدە ئوتكۈزگەن بولۇپ، مەزكۇر جەمئىيەت بۇ يىل ماي ئېيىدا قۇرۇلۇپ، شۇ جايدىكى ئەدلىيە ئورگىنى تەرىپىدىن تىزىمغا ئېلىنغان.

يېكاتىرىنابۇرگ شەھىرىدىكى ئۇيغۇر «يىپەك يولى»مىللىي مەدەنىيەت جەمئىيىتىنىڭ رامىزانلىق كەچلىك پائالىيىتىگە مەزكۇر شەھەرنى مەركەز قىلغان سۋېردلوۋ ئوبلاستىدىكى ئۆزبېك ۋە ئاۋار ئاممىۋى جەمئىيەتلەرنىڭ مەسئۇللىرى، ۋەكىللىرى ھەم شۇ يەردىكى ئۇيغۇرلاردىن بولۇپ، 200 دىن ئارتۇق ئادەم قاتنىشىپ، مەخسۇس ئۇيغۇر مىللىي يۈرەكلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ ھوزۇرلانغان. پائالىيەتتە قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئىتتىپاق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ۋە قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇر سەنئەتكارلىرىنىڭ ئۇلارنى تەبرىكلەپ ئەۋەتكەن ۋىدېئو كۆرۈنىشى قويۇپ بېرىلگەن.

يېكاتىرىنابۇرگدىكى ئۇيغۇر جەمئىيىتى رەئىسى دىلمۇرات شەيىدوۋنىن ئېيتىشىچە، ھازىر رۇسىيەنىڭ سۋېردلوۋ ئوبلاستىدا تەخمىنەن 500 ئەتراپىدا ئۇيغۇر ياشاۋاتقان بولۇپ، بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ مۇتلەق كۆپچىلىكىنى قازاقىستان ۋە قىرغىزىستانلاردىن كېلىپ ئورۇنلىشىپ قالغانلار ئىكەن. پائالىيەتكە يەنە رۇسىيەنىڭ ئۇرال رايونىدىكى باشقا جايلاردىن كەلگەن بەزى ئۇيغۇرلارمۇ قاتناشقان.

جەمئىيەت رەئىسى دىلمۇرات شەيىدوۋ رۇسىيەنىڭ سۋېردلوۋ ئوبلاستىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ سانىنىڭ ئاز بولۇشىغا قارىماي، ئۇلارنىڭ بۇ يەردە ئۆز تىلى ۋە مەدەنىيىتىنى ساقلاپ قېلىش، بالىلىرىغا ئۆزلىرىنىڭ كىملىكىنى بىلدۈرۈش ئارزۇسى بارلىقىنى بىلدۈرگەن.

مەلۇماتلاردىن قارىغاندا،سوۋېت ئىتتىپاقى يىمىرلگەندىن كېيىن، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇيغۇرلاردىن خېلى كۆپ ساندا كىشى تۇرمۇش يولى ئىزدەپ، رۇسىيەنىڭ سىبىرىيە، ئۇرال قاتارلىق رايونلىرىدىكى شەھەرلەرگە بېرىپ ماكانلىشىپ قالغان ئىكەن. نۆۋەتتە، مۇنداق ئۇيغۇرلار توپى يەنە سىبىرىيىدىكى نوۋوسىبىرسكى، بارنائۇل ۋە باشقا شەھەرلەرگىمۇ ماكانلاشقان.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت