رۇسىيەنىڭ نوۋوسىبىرسك شەھىرىدىكى ئۇيغۇر تاماقخانىسى ئولىمپىك چېمپىيونىنى بىر يىل ھەقسىز تاماق بىلەن تەقدىرلىدى

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2016-10-02
Share

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىدىكى ئۇيغۇر ئاھالىلىرى ئارىسىدا رۇسىيەنىڭ ھەر قايسى شەھەرلىرىگە بېرىپ تىرىكچىلىك قىلىش كۆپەيگەن بولۇپ، بىر قىسىم رۇسىيە شەھەرلىرىدە ئۇيغۇر ئاشخانىلىرى ۋە رېستورانلىرى ئارقىمۇ - ئارقىدىن ئېچىلماقتا. رۇسىيەنىڭ سبىرىيە رايونىدىكى چوڭ شەھەر نوۋوسىبىرسك شەھىرىدىكى بىر ئۇيغۇر تاماقخانىسىنىڭ بىر نەپەر ئولىمپىك چېمپىيونىغا بىر يىلغىچە ھەقسىز تاماق بېرىشنى قارار قىلغانلىقىغا ئائىت خەۋەر «كومسومول ھەقىقىتى» گېزىتىدە ئېلان قىلىندى.

خەۋەردە ئىلگىرى سۈرۈلۈشىچە، ئۇيغۇر تاماقخانىسىنىڭ خوجايىنى خەمىت توختىيېۋ ئۆزى ئەسلى تەنھەرىكەت ماھىرى بولۇپ،ئۇ نوۋوسىبىرسك شەھىرىدىن چىققان گىرىك - رىمچە چېلىشىش بويىچە ئولىمپىك چېمپىيونى رومان ۋلاسوۋ بىلەن يېقىن دوستلۇق مۇناسىۋىتىگە ئىگە. رومان 12 يېشىدىن تارتىپ، خەمىت توختىيېۋنىڭ كۆز ئالدىدا چوڭ بولغان ھەمدە ئۇ ئىزچىل خەمىت توختىيېۋنىڭ ئىلھاملاندۇرۇشى ھەتتا ياردەملىرىگە ئېرىشكەن.

مەزكۇر چېمپىيون ئۇيغۇر تاماقلىرىغا ئالاھىدە ئامراق بولۇپ، لەغمەن، مانتا، پولۇ قاتارلىق يېمەكلەر ئۇنىڭ ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان تاماقلىرى ئىكەن. خەمىت توختىيېۋ، رومان لوندوندىكى ئولىمپىك مۇراسىمىغا ماڭغاندا ئەگەر چېمپىيون بولسا ئۇنىڭغا بىر يىل ھەقسىز تاماق بېرىدىغانلىقىنى ئېيتقان ۋە ئۇ چېمپىيون بولۇپ قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ئۆز ۋەدىسىنى ئورۇندىغان.

بۇ قېتىم رومان ۋلاسوۋ ريودا ئۆتكۈزۈلگەن ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە مېڭىش ئالدىدا مەزكۇر ئۇيغۇر ئاشخانىسى ئۇنى داغدۇغىلىق ئۇزاتقان ۋە خەمىت توختىيېۋ ئەگەر ئۇ يەنە ئولىمپىك چېمپىيونى بولسا ئۇنى بىر يىلغىچە بىر ۋاق ھەقسىز تاماق بىلەن تەقدىرلەيدىغانلىقىنى ئېيتقان. ھەقىقەتەن رومان ۋلاسوۋ بۇ قېتىممۇ چېمپىيون بولۇپ، بۇ خىل تەقدىرلەشكە ئېرىشكەن.

ھازىر نوۋوسىبىرسك شەھىرىدىكى بۇ ئۇيغۇر ئاشخانىسىنىڭ نامى چىققان بولۇپ، بۇ ئاشخانىغا مەزكۇر شەھەردىكى داڭلىق شەخسلەر، ئولىمپىك چېمپىيونىنىڭ دوستلىرى ۋە باشقىلار دائىم كېلىپ، ئۇيغۇر تاماقلىرىدىن ھوزۇرلىنىدىكەن.

رۇسىيە مەتبۇئاتىنىڭ يېزىشىچە، ئەگەر مەزكۇر ئولىمپىك چېمپىيونى بۇ ئاشخانىدا ھەر كۈنى بىر تەخسە ھەقسىز لەغمەن يېسە، بىر يىلدا 54 مىڭ رۇبلى ئىقتىساد قىلىپ قالىدىكەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت