رۇسىيىنىڭ ئۇيغۇر پۇتبولچىسى تېخىمۇ داڭ چىقارماقتا

رۇسىيىنىڭ «ئىسپورت» گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە رۇسىيىنىڭ «زېنت» ناملىق ياشلار پۇتبول كوماندىسىنىڭ ئاساسلىق ماھىرى جالالىدىن خوجانىيازوف ھەر قېتىملىق مۇسابىقىدە ئۆزىنىڭ نەتىجىلىرىنى كۆرسەتمەكتە.

مەزكۇر كوماندىنىڭ ترېنەرى لۇچانى سپاللېتتە جامالىدىننىڭ ھەر قېتىملىق مۇسابىقىدە ئۆز قابىلىيىتىنى جارى تېخىمۇ كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە ئۆزىنىڭ ئۇنىڭ تېخى ياشلىقى تۈپەيلىدىن مەغرۇرلىنىپ كېتىشىدىن ئەندىشە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

جامالىدىن خوجانىيازوف رۇسىيە ۋە مۇستەقىل دۆلەتلەر ھەمدوستلۇقىدىكى ئەڭ داڭلىق ياش پۇتبول ماھىرلىرىنىڭ بىرىدۇر. ئۇ رۇسىيىنىڭ 17 ياشلىقلاردىن تەركىپ تاپقان «زېنت» كوماندىسىنىڭ ھۇجۇمچىسى سۈپىتىدە ئۆتكەن يىلى ياۋروپا چېمپىيونلۇقىنى تالىشىشتا رۇسىيە كوماندىسىنىڭ چېمپىيون بولۇشىنى قولغا كەلتۈرگەن.

جامالىدىن خوجانىيازوف تۈركمەنىستاننىڭ ئۇيغۇرلار بىر قەدەر كۆپ جايلاشقان بايرام ئالى شەھىرىدە ئۇيغۇر زىيالىيسى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. كىچىكىدىن پۇتبولغا ئىشتىياق باغلىغان جامالىدىن ئۆسمۈرلەر كوماندىلىرىنىڭ ئەزاسى بولۇپ توپ ئويناپ، ئالدىنقى يىلى رۇسىيىنىڭ «زېنت» كوماندىسى بىلەن 3 يىللىق توختام تۈزگەن. 2 يىلدىن بۇيان رۇسىيە پۇتبول ساھەسىدە چولپانغا ئايلانغان جامالىدىن مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا «مەن ئۇيغۇر»دەپ ئېيتقان. ئۇ، ھەممىلا يەردە مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەندە ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر پەرزەنتى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتمىغان.