رۇسىيە پارلامېنتىنىڭ رەئىسى سېرگېي نارىشكىن باشچىلىقىدىكى رۇسىيە پارلامېنتىنىڭ بىر ۋەكىللەر ئۆمىكى 5 - 6 - ماي كۈنلىرى خىتايدا زىيارەتتە بولۇش جەريانىدا رۇسىيە ۋە خىتاينىڭ بىرلىشىپ، شېنجېن شەھىرىدە ئۇنىۋېرسىتېت قۇرۇشقا پۈتۈشكەن.
ئىنتېرفاكىس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ رۇسىيەنىڭ خىتايدا قۇرىدىغان تۇنجى ئۇنىۋېرسىتېتى بولۇپ، مەزكۇر بىرلەشمە ئۇنىۋېرسىتېت موسكۋا ئۇنىۋېرسىتېتى بىلەن بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ھەمكارلىقى ئاستىدا قۇرۇلىدىكەن، ئەمما، ئوقۇغۇچىلار ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن موسكۋا ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ دىپلومىنى ئالالايدىكەن.
رۇسىيە دۇماسى رەئىسى سېرگېي نارىشكىن سۆزىدە ئوقۇغۇچىلارنىڭ رۇسىيەدە پراكتىكا قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، رۇسىيە پارلامېنت ۋەكىللىرىنىڭ زىيارىتى جەريانىدا نارىشكىن خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ تەرىپىدىنمۇ قارشى ئېلىنغان بولۇپ، ئۇ شى جىنپىڭ بىلەن ئىككى دۆلەت ھەمكارلىقىرىدىن باشقا يەنە خەلقئارا مەسىلىلەردىمۇ پىكىر ئالماشتۇغان.
رۇسىيە خەۋەرلەر ئاگېنتلىقى، نارىشكىنىڭ زىيارىتىدە ئاساسلىق، ئىقتىسادىي، پۇل - مۇئامىلە ساھەسى، ئاۋىئاتسيە ۋە راكېتا ھەم ئالەم تېخنىكىسى ساھەسى بويىچە سوھبەت بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
