رۇسىيە بىلەن خىتاي تۇنجى قېتىم بىرلىكتە شىمالى قۇتۇپتا تەكشۈرۈش ئېلىپ باردى

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2016-10-02
Share


رۇسىيە بىلەن خىتاي بىرلىكتە شىمالى قۇتۇپنى تەكشۈرۈش مەركىزى قۇرۇپ، ئىككى تەرەپ مۇتەخەسسىسلىرى شىمالى قۇتۇپتىكى ئامېرىكىنىڭ ئالىياسكا شتاتىغا يېقىن بىر رايوندا مەخسۇس ئىلمىي تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان.

مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، ئىلگىرى رۇسىيە شىمالى قۇتۇپتا خىتاي ياكى باشقا دۆلەت بىلەن ھەمكارلىق ئېلىپ بېرىشقا ئېھتىياتچان مۇئامىلە قوللانغان، بولۇپمۇ خىتاي بىلەن بىرلىكتە شىمالىي قۇتۇپنى تەكشۈرۈشنى خالىماسلىق خاھىشى قوللىنىپ كەلگەن بولۇپ، ئەمما، بۇ قېتىم بۇ پوزىتسىيىسىنى ئۆزگەرتىپ خىتاي بىلەن ھەمكارلىشىشقا كىرىشكەن.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مەزكۇر بىرلەشمە تەتقىقات مەركىزىنى رۇسىيەنىڭ يىراق شەرق ئۇنىۋېرسىتېتى بىلەن خىتاينىڭ خاربىن سانائەت ئۇنىۋېرسىتېتنى بىرلىشىپ قۇرغان.

ئىككى دۆلەتنىڭ بىرلەشمە تەكشۈرۈش پائالىيىتى بىر ئاي ئىلگىرى باشلانغان بولۇپ، خىتاي تەرەپتىن 10 نەچچە مۇتەخەسسىس قاتناشقان. مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي يەنە ئۆزى ئايرىم بىر تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى ئەۋەتىپ، شىمالى قۇتۇپتا تەكشۈرۈش ئېلىپ بارىدىكەن،

رۇسىيە بىلەن خىتاينىڭ شىمالى قۇتۇپتا بىرلىكتە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشقا كىرىشىشى ئۈچ يىل ئىچىدە ئاستا - ئاستا ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان. خىتاي يەنە مەبلەغ سېلىپ رۇسىيە بىلەن بىرلىكتە شىمالى قۇتۇپتا سۇيۇقلۇق گازى ئېلىش پىلانى ئىشقا ئاشۇرۇشقا كىرىشكەن بولۇپ، شىمالى قۇتۇپتىن ئېلىنىدىغان بۇ گازلار خىتايغا ئېكسپورت قىلىنىدىكەن.

رۇسىيەنىڭ ئامېرىكا بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرى يىرىكلەشكەندىن كېيىن، رۇسىيە - خىتاي ھەمكارلىقلىرىنىڭ تېخىمۇ قويۇقلاشقانلىقى ۋە ئېشىۋاتقانلىقى تەھلىل قىلىنماقتا.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت