رۇسىيە خىتاينىڭ «تاجاۋۇزچىلىق تەھدىتى» دىن قاتتىق ئەندىشە قىلىدىغانلىقى ئاشكارىلانغان

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئەركىن تەييارلىدى
2024.03.04

رۇسىيە بىلەن خىتاي ئۆزئارا مۇناسىۋىتىنىڭ كۈچلۈك ئىكەنلىكى، ھەمكارلىقىنىڭ چېكى يوقلۇقىنى قەيت قىلسىمۇ، لېكىن رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ يېڭى ئاشكارىلانغان ھۆججەتلىرىدىن رۇسىيەنىڭ خىتاينىڭ «تاجاۋۇزچىلىق تەھدىتى» دىن قاتتىق ئەندىشە قىلىدىغانلىقى مەلۇم بولغان. «ياۋرو-ئاسىيا ۋاقتى» تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئەنگلىيەنىڭ «مالىيە ۋاقتى» گېزىتى رۇسىيە ئارمىيەسى تەييارلىغان بۇ ھەقتىكى بەزى مەخپىي ھۆججەتلەرنى قولغا چۈشۈرگەن. بۇ مەخپىي ھۆججەتلەردىن رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ 2008-يىلىدىن 2014-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا خىتاينىڭ تاجاۋۇزىغا قارشى نۇرغۇن تەقلىدى مانېۋىرلارنى ئېلىپ بارغانلىقى ئاشكارىلانغان. مەلۇم بولۇشىچە، بۇ مانېۋىرلاردا خىتاينىڭ رۇسىيەنىڭ يىراق شەرقىدىكى نوپۇسى شالاڭ رايونلاردا  نامايىشچىلارنى سېتىۋېلىپ، توپىلاڭ پەيدا قىلىشى ۋە بۇ رايونلارغا قوراللىق ھۇجۇمى قىلىشى تەقلىد قىلىنغانىكەن.

خەۋەرلەردە يەنە بۇ مانېۋىر خىتاينىڭ رۇسىيەنىڭ يىراق شەرق رايوندىكى توپىلاڭنى قورال بىلەن تەمىنلىشى، ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى سۈركىلىشنىڭ كەسكىنلىشىپ يۇقىرى نۇقتىغا چىقىشى، خىتاينىڭ رۇسىيە چېگراسىغا قوشۇن توپلىشى ۋە رۇسىيەنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» قىلىش بىلەن ئەيىبلىشى تەقلىد قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە. مەلۇم بولۇشىچە، بۇ تەقلىدى مانېۋىر خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن رۇسىيە پىرېزىدېنتى پۇتىن خىتاي-رۇسىيە ئورتاقلىقىنىڭ «چەكسىز» ئىكەنلىكىنى جاكارلىغان پەيتلەردىمۇ، داۋاملاشقان ئىكەن. ھالبۇكى، رۇسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ھۆججەتلەرنى تۆھمەت، دەپ رەت قىلغانلىقى، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ خىتاي-رۇسىيە مۇناسىۋەتلىرىدە «تەھدىت نەزەرىيەسى» گە ئورۇن يوقلۇقىنى بىلدۈرگەنلىكى قەيت قىلىنماقتا. رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلىشى، رۇسىيەنىڭ خەلقئارادا يېتىم قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولۇپ،گەرچە خىتاي ئۇنىڭ ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلىشىغا سۈكۈت قىلىپ، ئۇنىڭ بىلەن قويۇق سودا مۇناسىۋىتى قىلىۋاتقان ئاز ساندىكى «دوستانە» دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولسىمۇ، ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى رۇسىيە بىلەن تارىختىن قېلىپ قالغان زېمىن ئىختىلاپىنى ئۇنتۇپ قالمىغان. خىتاي تەبىئىي بايلىقلار مىنىستىرلىقى 2023-يىلى 2-ئايدا ئېلان قىلغان دۇنيا خەرىتىسىدە، رۇسىيەنىڭ يىراق شەرقىدىكى 8 ئورۇننى خىتايچە ئىسىم بىلەن ئاتىغانىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.