رۇسىيە - ياپونىيە رەھبەرلىرى زېمىن مەسىلىسى ۋە باشقا مەسىلىلەر ھەققىدە سۆھبەت ئۆتكۈزدى
2013.04.30
رۇسىيىدە زىيارەتتە بولىۋاتقان ياپونىيە باش ۋەزىرى شىنزو ئابې 29 - ئاپرېل كۈنى رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن بىلەن كۆرۈشۈپ، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى تۆت ئارال مەسىلىسى ۋە باشقا مەسىلىلەر ھەققىدە مەخسۇس سۆھبەت ئۆتكۈزدى.
سۆھبەتتىن كېيىن ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى بىرلەشمە بايانات بېرىپ، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا بىر قىسىم مۇھىم كېلىشىملەر ئىمزالانغانلىقىنى بىلدۈردى.
ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە ياپونىيە باش ۋەزىرى شىنزو ئابې بىلەن رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن بۇ قېتىم يەنە ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا ھەمكارلىق ۋە تىنچلىق كېلىشىمى ئىمزالىغان. خەۋەردە دېيىلىشىچە, بۇ ياپونىيە بىلەن رۇسىيىنىڭ 2003 - يىلى ئىمزالىغان «ياپونىيە - رۇسىيە ھەرىكەت پىلانى» دىن 10 يىل كېيىن، ئىككى دۆلەتنىڭ يەنە بىر قېتىم بىرلەشمە بايانات بېرىشى ھېسابلىنىدىكەن.
شىنزو ئابې دۈشەنبە كۈنى رۇسىيە زىيارىتىنى باشلىغان بولۇپ، بۇ ئون يىلدىن كېيىن ياپونىيە باش ۋەزىرىنىڭ تۇنجى قېتىم موسكۋانى زىيارەت قىلىشى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.