يېڭى يىل ھارپىسىدا رۇسىيەدە خىتايغا قارشى نارازىلىق نامايىشلىرى يۈز بەرگەن

31-دېكابىر، يەنى يېڭى يىل ھارپىسى كۈنى رۇسىيەنىڭ ئورلوف رايونىدىكى يەرلىك ئاھالىلەر خىتاي ئىشچىلىرىنىڭ رۇسىيە تەۋەسىدە كۈندىن-كۈنگە كۆپىيىپ كېتىۋاتقانلىقىغا قارىتا نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزگەن.

رۇسىيە «سىياسەت تورى» نىڭ شۇ كۈندىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، رۇسىيەلىك بىر ئايال قولىغا «يېڭى يىلىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن، توڭگۇزلار» دېگەن خەت يېزىلغان تاختاينى كۆتۈرۈپ، يەرلىك ھۆكۈمەت بىناسى ئالدىدا «يالغۇز كىشىلىك نامايىش» ئۆتكۈزگەن. رۇسىيە قانۇنىدا نامايىشقا قاتناشماقچى بولغان ئادەم ئۈچتىن ئارتۇق بولسا، چوقۇم مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ تەستىقىدىن ئۆتۈشى تەلەپ قىلىنىدىكەن. بىر ئادەم بۇ خىل چەكلىمىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمايدىكەن.

مەزكۇر خەۋەردە تەكىتلەنگەن يەنە بىر قىزىق نۇقتا دەل رۇسىيەلىك ئايال كۆتۈرۈۋالغان تاختاي بولغان. تاختايغا يېزىلغان «يېڭى يىلىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن، توڭگۇزلار» دېگەن سۆزنى ئىككى خىل مەنىدە چۈشىنىشكە بولىدىكەن، بىر جەھەتتىن 2019-يىلى خىتاي كالېندارى بويىچە توڭگۇز يىلى بولغاچقا بۇ سۆز خىتاي ئىشلەمچىلىرىگە قارىتىلغان بولۇشى، يەنە بىر جەھەتتىن يەرلىك ھۆكۈمەت خادىملىرىغا بولغان نارازىلىقنى ئىپادىلىگەن بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.

خەۋەردە يەنە نامايىشقا قاتناشقان بىرەيلەننىڭ سۆزلىرى نەقىل ئېلىنغان بولۇپ، ئۇ سۆزىدە «رۇسىيەگە كېلىپ ئىشلەۋاتقان خىتايلار بىزنىڭ پۈتۈن شەھەر-يېزىلىرىمىزنى، دۆلىتىمىزنى ئىگىلىۋالدى. ئۇلار بىزنىڭ ھەممە نەرسىلىرىمىزنى تارتىۋالماقچى. بۇ رۇسىيەگە نىسبەتەن بىر ھاقارەت،» دېگەن.

19-دېكابىر كۈنى رۇسىيەنىڭ ئاساسلىق خەۋەرلەر پروگراممىسى بولغان «بۈگۈنكى رۇسىيە» دە ئۇيغۇرلار ۋەزىيىتى ئاساسلىق تېما سۈپىتىدە خەۋەر قىلىنغان ئىدى.

ئانالىزچىلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي بىلەن ئىزچىل دوستلۇق مۇناسىۋىتىدە تۇرۇۋاتقان رۇسىيەدە خىتايغا قارشى يۇقىرىقىدەك ئىش-پائالىيەتلەرنىڭ يۈز بېرىشى نۆۋەتتە ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا مەلۇم ئىختىلاپلارنىڭ يۈز بېرىۋاتقانلىقىدىن دېرەك بېرىدىكەن.