ئۇيغۇر-خىتاي مەكتەپ بالىلىرى ئارىسىدا «سالام خەت دوستلۇقى» ھەرىكىتى ئارقىلىق مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى كۈچەيتىلمەكچى

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي تىلىنى ئىشلىتىشىنى ئومۇملاشتۇرۇش ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن «سالام خەت دوستلۇقى» ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرغان.

«جۇڭگو خەۋەرلەر تورى»نىڭ پەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان خەۋىرىدىن قارىغاندا، بۇ ھەرىكەت خىتاي كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقىنىڭ يوليورۇقىغا ئاساسەن قانات يايدۇرۇلغان بولۇپ، ئۇنىڭغا ئاساسەن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ھەربىر ئوقۇغۇچىغا ئىچكىرى خىتاي ئۆلكىسىدىكى بىر ئوقۇغۇچى تەقسىم قىلىنىپ، ئۇلار ئۆز-ئارا سالام خەت يېزىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلغان.

«مەكتۇپ دوستلۇقى» دەپ ئىسىم قويۇلغان بۇ ھەرىكەتكە خىتاي مىقياسىدىكى 7338 باشلانغۇچى ۋە ئوتتۇرا مەكتەپتىن جەمئىي 2.8 مىليون ئوقۇغۇچى قاتناشتۇرۇلغان.

مەزكۇر ھەرىكەت ئۇيغۇر ئېلىدە ‏2014‏-يىلىدىن باشلاپ يولغا قويۇلغان ۋە بىر يىل سىناق قىلىنغاندىن كېيىن تىبەتكە كېڭەيتىلگەن. ھازىرغىچە تىبەتتىكى 27 مىڭ 500 نەپەر ئوقۇغۇچى ھەممىسى بىردىن خىتاي ئوقۇغۇچى بىلەن «سالام خەت دوستلۇقى» ئورناتقان.

خەۋەردە بۇ ھەرىكەتنىڭ خىتاي تىلى ئىشلىتىشنى ئومۇملاشتۇرۇش ۋە مىللەتلەر ئارىسىدىكى چۈشىنىشنى ئاشۇرۇش ۋە شۇنداقلا ئۇيغۇرلار ۋە تىبەتلەر ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشى خىزمەت پۇرسىتى يارىتىشقا پايدىلىق ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

بىراق چەتئەللەردىكى كۆزەتكۈچىلەر، بۇنىڭغا ئوخشاش سۈنئىي ئۇسۇللار ئارقىلىق مەجبۇرىي تېڭىلغان دوستلۇق ئارقىلىق خىتايدا مۇقىملىق ياراتقىلى بولمايدىغانلىقىنى، ئۇيغۇرلار ۋە تىبەتلەرنىڭ سىياسىي ۋە مىللىي ھوقۇقلىرى تولۇق كاپالەتكە ئىگە قىلىنماي تۇرۇپ دوستلۇقتىن سۆز ئېچىشنىڭ مۇمكىن بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.