سالىھ خۇدايارنىڭ دادىسى مەككىدە ئۇيغۇرلارغا قىلىنىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق تەكىتلەنگەن مايكىسى سەۋەبىدىن قولغا ئېلىنغان
2021.10.28
ئامېرىكادىكى «شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئويغىنىش ھەرىكىتى» نىڭ قۇرغۇچىسى سالىھ خۇدايارنىڭ دادىسى مەككىدىكى ئۇمىر ھەج تاۋابىتى جەريانىدا «خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ۋە ئىشغالىيىتىنىڭ ئاخىرلىشىشى ئۈچۈن دۇئا قىلىڭلار» دېگەن خەت بېسىلغان مايكىسى سەۋەبىدىن قولغا ئېلىنغان.
سالىھ خۇدايارنىڭ تىۋىتتېردا تارقاتقان بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرىدىن قارىغاندا، سالىھ خۇدايارنىڭ دادىسى سېتىۋالدى ئابدۇقادىر 27-ئۆكتەبىر كۈنى مەككىدە قولغا ئېلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭ قولغا ئېلىنىشىغا ئۇ كىيىۋالغان ئاي-يۇلتۇزلۇق كۆك بايراقنىڭ رەسىمى ۋە شۇنداقلا ئەرەبچە ۋە ئىنگىلىزچە ئىككى خىل تىلدا «خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ۋە ئىشغالىيىتىنىڭ ئاخىرلىشىشى ئۈچۈن دۇئا قىلىڭلار» دېگەن خەت چۈشۈرۈلگەن مايكا سەۋەب بولغان ئىكەن. سەئۇدى ئەرەبىستان ساقچىلىرى سېتىۋالدى ئەپەندىنى سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىش بىلەن ئەيىبلەپ، ئۇنىڭدىن بۇ مايكىنى دەرھال سېلىۋېتىشىنى تەلەپ قىلغان ۋە ئۇنىڭ ناماز ئوقۇشىغىمۇ يول قويمىغان.
ۋەقەدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، سالىھ خۇدايار دەرھال ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقى بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئۇلارنى ئامېرىكا پۇقراسى بولغان دادىسنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەردار قىلغان. ئامېرىكا دائىرىلىرىنىڭ ئارىلىشىشى نەتىجىسىدە ئارىدىن 6 سائەت ئۆتكەندىن كېيىن دادىسى تۇتقۇندىن قويۇپ بېرىلگەن.
سالىھ خۇدايار «برايتبېرت» خەۋەرلىرىگە قىلغان سۆزىدە دادىسى سېتىۋالدى ئابدۇقادىرنىڭ مەككىدە قولغا ئېلىنىشىغا ئۇنىڭ مايكىسى سەۋەب بولغانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «بۇنى سەئۇدى ئەرەبىستان دائىرىلىرىنىڭ خىتاينى رازى قىلىش تىرىشچانلىقىنىڭ بىۋاستە نەتىجىسى دەپ قارايمەن،» دېگەن.
سەئۇدى ئەرەبىستان خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا ئىزچىل تۈردە سۈكۈت قىلىپ كېلىۋاتقان، شۇنداقلا خىتاينىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا قاراتقان باستۇرۇش سىياسەتلىرىگە چاپان يېپىۋاتقان ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭ بىرىدۇر. بۇ سەۋەبلىك سەئۇدى ئەرەبىستان ھۆكۈمىتى دېموكراتىك ئەللەرنىڭ، كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ، ئۇيغۇر جامائىتى ۋە ئۇيغۇر داۋاسىنى قوللىغۇچى شەخسلەرنىڭ كۈچلۈك تەنقىدىگە ئۇچراپ كەلمەكتە.