شاڭخەي سانلىق مەلۇمات ئامبىرىدا 8000 دىن ئارتۇق ئۇيغۇرنىڭ «تېررورچى» دەپ خاتىرىلەنگەنلىكى ئاشكارىلاندى

ئاۋسترالىيەنىڭ «ABC» قانىلىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان نازارىتىنىڭ كۆلىمى نامايان قىلىنغان ئىنتايىن مۇھىم بىر پارچە خەۋەر ئېلان قىلىندى.

بىر قىسىم كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى ئۆتكەن يىلىنىڭ ئاخىرىدا شاڭخەي شەھەرلىك بىخەتەرلىك سانلىق مەلۇمات مۇلازىمېتىرغا خاككېرلىق ھۇجۇمى قوزغاش ئارقىلىق، مۇلازىمېتىردا قەيت قىلىنغان 1 مىليوندىن ئارتۇق سانلىق مەلۇماتقا ئېرىشكەن. كېيىن ئۇلار بۇ سانلىق مەلۇماتلارنى ئاۋسترالىيە بىخەتەرلىك خادىملىرى، ABC قانىلى ۋە خەلقئارادىكى ئاز ساندىكى خەلقئارالىق ئاخبارات ئورگانلىرىغا ئەۋەتىپ بەرگەن بولۇپ، بۇ خىتاينىڭ ئاممىۋى كۆزىتىش سىستېمىسىنىڭ تەرەققىياتى ۋە كۆلىمىنى نامايان قىلىپ بېرىدىغان نادىر پاكىت ئىكەن.

شاڭخەي شەھەرلىك بىخەتەرلىك سانلىق مۇلازىمېتىرىدا ئىشارەت بەلگىسى قويۇلغان 8 مىڭدىن ئارتۇق ئۇيغۇر بار بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىسمى، ئادرېسى، كىملىك نومۇرى، ۋە ئۇلارنىڭ ئاتالمىش «تېررورلۇق» جىنايىتى تەپسىلىي خاتىرىلەنگەن. تىزىملىكتە 400 دىن ئوشۇق قورامىغا يەتمىگەن ئۇيغۇر بالىلىرى بولۇپ، ئەڭ كىچىكى تېخى 5 ياشتا ئىكەن. ئۇلارنىڭ بىر قىسىملىرى نازارەت قىلىنغان ۋە بىۋاسىتە سوراق قىلىنغانكەن.

بۇ سانلىق مەلۇمات ئامبىرىدا يۇقىرىدا «تېررورچى» دەپ ئاتالغان مىڭلىغان ئۇيغۇرنىڭ نازارەت قىلىنىش، تۇتۇپ تۇرۇلۇش ۋە سوراق قىلىش جەريانلىرى خاتىرىلەنگەن بولۇپ، كۆزەتكۈچىلەر بۇنى خىتاينىڭ كەڭ كۆلەملىك قارا تىزىملىكلىرىنىڭ كىچىككىنە ئەۋرىشكىسى، دەپ قارىماقتا. مەزكۇر قانال بۇ تىزىملىكتە ئىسمى بولغان ۋە ھازىر تۈركىيەدە ياشاۋاتقان ئىككى نەپەر ئۇيغۇر بىلەن سۆزلەشكەن.

يۇقىرىدىكى سانلىق مەلۇمات ئامبىرى يەنە، 2017-يىلدىن باشلاپ شاڭخەيگە ساياھەتكە بارغاندا قىزىل بەلگە قويۇپ قويۇلغان 5000 دىن ئارتۇق چەتئەللىكنىڭ پاسپورت تەپسىلاتلىرى ۋە سۈرەتلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بولۇپ، ئاۋسترالىيە دائىرىلىرى ھازىر ئۆز پۇقرالىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بۇ كىشىلەرگە نېمە ئۈچۈن ئىشارەت بەلگىسى قويۇلغانلىقىنى تەكشۈرۈۋاتقان ئىكەن.

يۇقىرىدىكى بۇ ھۆججەت خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ۋە ھەتتا بارلىق دۆلەت پۇقرالىرىنى مۇتلەق نازارەت ئاستىغا ئېلىش نىشانىنى، ئۇنىڭ سانلىق مەلۇمات ئامبىرىنىڭ كۆلىمىنى ئاشكارىلاپ بېرىدىغان ئىنتايىن مۇھىم ماتېرىيال بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.