خىتاينىڭ «تەڭرىتاغ» تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 23-ئىيۇن كۈنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت خىتاينىڭ «ليەنتوڭ»، يەنى «بىرلەشمە خەۋەرلىشىش گۇرۇھى شىركىتى» بىلەن ئۇيغۇر ئېلىدا سانلىق مەلۇمات قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش ھەققىدە ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىغان.
خەۋەردە مۇنداق دېيىلگەن: «ئىككى تەرەپ ئاپتونوم رايوننىڭ ‹14-بەش يىل» لىق مۇھىم، زور ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش ۋە يېڭى تىپتىكى ئاساسىي ئەسلىھە قۇرۇلۇشىغا بىرلەشتۈرۈپ، 5G، سۈنئىي ئەقىل، رايون-بۆلەك زەنجىرى، بۇلۇت ھېسابلاش، چوڭ ساندان قاتارلىق ساھەلەردە ئومۇمىييۈزلۈك ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، ئورتاق پايدا ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ.»
خەۋەردىن قارىغاندا، بۇندىن ئىلگىرى خىتاي بىرلەشمە خەۋەرلىشىش گۇرۇھى شىركىتى ئۇيغۇر ئېلىدا «ئالاقە تورى + يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى»، «ئالاقە تورى + تىنچ ـ ئامان شىنجاڭ» «ئالاقە تورى + خەلق تۇرمۇشى» قاتارلىق سەككىز چوڭ ئۇچۇرلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا قاتناشقان ئىكەن.
چوڭ سانلىق مەلۇمات ئامبىرى، ئۆز-ئارا ئۇچۇر يەتكۈزۈش سۇپىسى ۋە 5G تېخنىكىلىرى قاتارلىق يۇقىرى پەن-تېخنىكىلىق تورلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى مۇتلەق كونترول قىلىش، ئۇلارنى لاگېرلارغا قاماش ۋە مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىشتىكى ئەڭ ئاساسلىق قورالى بولۇپ كەلگەنلىكى مەلۇم.
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق دائىرىلەرنىڭ بۇ تېخنىكىلارنى يەنىمۇ ئىلغارلاشتۇرماقچى بولۇشى دىققەت قوزغىدى. بولۇپمۇ يۇقىرىقى يىغىندا سۆز قىلغان خىتاي ھۆكۈمەت رەھبەرلىرىنىڭ خىتاي خەۋەرلىشىش گۇرۇھىنىڭ خىزمەتلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ «بىرلەشمە خەۋەرلىشىش گۇرۇھى شىركىتى باشتىن-ئاخىر يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇشنى مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسىغا ئاساسەن، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى، تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن كۈچ قوشتى،» دەپ تەرىپلىشى مەزكۇر گۇرۇھنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايىتىدە ئوينىغان رولىغا دىققەت تارتتى.
