«نيۇ-يورك ۋاقتى» گېزىتى: «ۋىزىسىز رايونغا ساقال بىلەن ئەمەس، ھەميان بىلەن كىرىڭ!»

خىتاي ھۆكۈمىتى سىرتقا قارىتا ئېچىۋەتكەن «ئالاھىدە ئىقتىسادىي رايون» لارنىڭ بىرى بولغان قورغاس ئېغىزىدىكى «بىنورمال» رېئاللىق يېقىندا ئامېرىكىدىكى ئوقۇرمەنلىرى ئەڭ كۆپ بولغان گېزىتلەردىن «نيۇ-يورك ۋاقتى گېزىتى» دە تەپسىلىي بايان قىلىندى.

8-دېكابىر ئېلان قىلىنغان بۇ ماقالىدا، خىتاي بىلەن قازاقىستان چېگراسىدىكى قورغاس ئالاھىدە رايونىدا تاموژنا خادىملىرى ياكى ۋىزا تەكشۈرۈش نۇقتىلىرى تەسىس قىلىنمىغان بولسىمۇ خىتاي قوراللىق ساقچىلىرىنىڭ مەخسۇس ساقال قويغان، ياغلىق ئارتقان ياكى ئاي-يۇلتۇزلۇق نەقىش ئويۇلغان زىننەت بۇيۇملىرى تاقىغان ئاياللارنى پايلايدىغانلىقى ئېيتىلىدۇ. ماقالىدا ئېيتىلىشىچە، خىتاي گەرچە چېگرادىكى كۆپلىگەن جايلاردا ئالاھىدە ئىقتىسادىي رايونلارنى تەسىس قىلغان بولسىمۇ، بۇ رايونلارغا پەقەت خىتاي پۇقرالىرى ھەمدە پاسپورتىدا خىتاي ۋىزىسى بولغان چەتئەللىكلەرلا كىرەلەيدىكەن.

ماقالىدا كۆرسىتىلىشىچە، قورغاس ئالاھىدە ئىقتىسادىي رايونىغا ساقاللىق ياكى ئىسلامىي لىباس كىيگەن كىشىلەرنىڭ كىرىشىگە بولمايدىغانلىقى ھەققىدىكى رۇسچە ئاگاھلاندۇرۇشلار ئېسىلغان. مەلۇم بولۇشىچە، يېقىندا بومبا ساقاللىق بىر ئامېرىكىلىق بۇ جايغا ساياھەتكە كەلگەندە خىتاي قوراللىق ساقچىلىرى ئۇنى سوراق قىلغان. ئۇ ئۆزىنىڭ تېررورچى ئەمەسلىكىنى ئېيتىپ، ئۇلارنى قايىل قىلغاندىن كېيىن ئاندىن قويۇۋېتىلگەن.

ماقالىدا بايان قىلىنىشىچە، قورغاس ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايونىنىڭ قازاقىستان تەرەپتىكى بۆلىكى ئاساسەن بوش بولۇپ، ئاندا-ساندا دۇكانلاردىن باشقا ھېچنەرسە يوق ئىكەن. ئەمما خىتاي كونتروللۇقىدىكى تەرەپ زىچ بىنالار، دۇكانلار بىلەن تولغان ئىكەن. ھەر يىلى ئىككى مىليونچە خىتاي پۇقراسى بۇ جايغا كېلىدىكەن، ئەمما ئۇلار قازاقىستان تەرەپكە ئۆتمەيدىكەن. بۇ خىتايلاردىن بىرى بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ، «بۇ جايدا يۇرتۇمدىكىدىن جىق پۇل تاپالايمەن» دېگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى «بىر بەلۋاغ بىر يول قۇرۇلۇشى» نى باشلىغاندىن بۇيان ئۇيغۇرلار دىيارىنىڭ جۇغراپىيەلىك قىممىتى تېخىمۇ ئاشقان. شۇنىڭدەك بۇ رايونغا قارىتىلغان كونتروللۇق تەدبىرلىرىمۇ مۇناسىپ ھالدا كۈچەيگەن.