«شىنجاڭ ساقچى ئارخىپى» دىكى ھۆججەتلەر شى جىنپىڭنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى جىنايەتلەرنىڭ باش پىلانلىغۇچىسى ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلاپ بەرگەن

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2022.05.26
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

يېقىندا ئاشكارىلانغان «شىنجاڭ ساقچى ئارخىپى» دىكى بەزى ھۆججەتلەر خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلىنىۋاتقان زىيانكەشلىكلەرگە بىۋاسىتە قول تىققانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدىكەن.

«دىپلومات» گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان مۇشۇ ھەقتىكى ماقالىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئاشكارىلانغان مەخپىي ھۆججەتلەرنىڭ بىرى، 2018-يىلى 6-ئايدا خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرى جاۋ كېجىنىڭ سۆزى بولۇپ، «مەخپىي ھۆججەت، ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن قايتۇرۇلۇشى كېرەك» دەپ بەلگە قويۇلغان مەزكۇر ھۆججەت خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ تەپەككۇرى ۋە ئۇنىڭ ئۇيغۇر خەلقىگە قاراتقان زىيانكەشلىكلىرىنىڭ ئاساسىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدىكەن. بۇنىڭدىن باشقا جاۋ كېجىنىڭ سۆزلىرىدە خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان سىياسەتلەرنىڭ باش مەنبەسى سۈپىتىدە ئېنىق ۋە قايتا-قايتا تىلغا ئېلىنغانىكەن.

ئۇزۇن يىللىق خىتاي ئىشلىرى تەتقىقاتچىسى بوننى گىرارد (Bonnie Girard) ئېلان قىلغان بۇ ماقالىدا كۆرسىتىلىشىچە، جاۋ كېجىنىڭ ئىنگلىز تىلىغا تەرجىمە قىلىنغان نۇتقى 10 بەت ئۇزۇنلۇقتا بولۇپ، ئۇنىڭدا «باش سېكرېتار شى» دېگەن سۆز 14 قېتىم تىلغا ئېلىنغان شۇنداقلا يۈزمىڭلىغان ئادەمگە قارىتىلغان خالىغانچە تۇتقۇننىڭ ئاساسلىق لايىھەلىگۈچىسى ۋە قوللىغۇچىسى دەپ تەرىپلەنگەن.

جاۋ كېجىنىڭ سۆزىنىڭ بىرىنچى قۇرىدا مۇنداق دېيىلگەنىكەن: «شىنجاڭدىكى بۇ تەكشۈرۈش تەتقىقات زىيارىتىنى باش سېكرېتار شى جىنپىڭ ۋە باش مىنىستىر لى كېچياڭ تەستىقلىغان. . . . تەكشۈرۈش تەتقىقات زىيارىتىنىڭ مەقسىتى باش سېكرېتار شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭنى باشقۇرۇش ئىستراتېگىيەسى ۋە 6-يانۋار كۈنى بەرگەن مۇھىم كۆرسەتمىلىرىنى يولغا قويۇپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشنى تېخىمۇ ئىلگىرى سۈرۈش، شىنجاڭنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە مۇقىملىقنى ساقلاشنىڭ ياخشى تەجرىبىلىرىنى خۇلاسىلەش ۋە تەتقىق قىلىش، بولۇپمۇ تۈرمىلەرنى باشقۇرۇش ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش ۋە قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىنىڭ جەنۇبقا قاراپ تەرەققىي قىلىشى توغرىسىدا بىر قىسىم تەكشۈرۈش تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىشتىن ئىبارەت».

بوننى گىرارد ماقالىسىدە، مانا بۇ سۆزلەردىن شى جىنپىڭ شىنجاڭدا ئاز دېگەندە بىر مىليون كىشىنىڭ خالىغانچە تۇتۇپ تۇرۇلۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتقان ئەمەلىيەت ۋە سىياسەتلەرنىڭ باش ئىستراتېگىيەچىسى ئىكەنلىكىنى، ئەگەر شى جىنپىڭنىڭ ئېنىق تەستىقى بولمىغان بولسا، جاۋ كېجىنىڭ «تۈرمە» ھەققىدىكى سۆزىدە ئۇنىڭ ئىسمىنى تىلغا ئالالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، جاۋ كېجى 10 بەتلىك بۇ نۇتقىدا نۇقتىلىق ھالدا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئىجتىمائىي ۋە سىياسىي مۇقىملىقىنى ئەڭ مۇھىم تېما قىلىپ سۆزلىگەن. ئۇ سۆزىدە يەنە ئۇيغۇر رايونى دائىرىلىرىنىڭ مۇقىملىقنى قوغداشتىكى «10 ياخشى» تەرىپىنىمۇ مەدھىيەلىگەن بولۇپ، ئۇ بۇنىڭدا ئەسەبىيلىكنى يوقىتىش، يەر ئاستى قۇرئان كۇرسلىرىنى قاتتىق چەكلەش، قوشماق تۇغقان بولۇپ، ئون مىڭلىغان-يۈزمىڭلىغان كادىرنى يېزا-كەنتلەردىكى ئائىلىلەردە ياشاشنى ئومۇملاشتۇرۇش قاتارلىق سىياسەتلەرنى ئالاھىدە تىلغا ئالغان. جاۋ كېجى سۆزىدە ئۇيغۇر رايون دائىرىلىرىنى «تېخىمۇ ياخشى يېرى، ئۇلار دىنىي ئاشقۇنلۇقنىڭ ۋارىسلىق قىلىش سىستېمىسىغا قارىتا ‹نەسلىنى قۇرۇتۇش، يىلتىزىنى بۇزۇش، باغلىنىشىنى بۇزۇش، مەنبەنى ۋەيران قىلىش› تا مۇۋەپپەقىيەت قازاندى» دەپ مەدھىيەلىگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.