ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى «شىنجاڭ ساقچى ھۆججەتلىرى» گە قارىتا بايانات ئېلان قىلدى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2022.05.24
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

ۋاشىنگتون شەھىرىدىكى «كوممۇنىزم قۇربانلىرى خاتىرە فوندى» تەييارلاپ چىققان «شىنجاڭ ساقچى ھۆججەتلىرى» تېمىسىدىكى زور ھەجىملىك ھۆججەتلەر توپلىمى 24-ماي كۈنى رەسمىي ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى بۇنىڭغا قارىتا بايانات ئېلان قىلدى.

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى قارمىقىدىكى خىتاي ئىشلىرى ئىجرائىيە كومىتېتى 24-ماي كۈنى ئېلان قىلغان باياناتتا مەزكۇر كومىتېتنىڭ رەئىسلىرى جېف مېركېلىي (Jeff Merkley) ۋە جېيمىس مېكگوۋېرن (James P. McGovern) ئۆزلىرىنىڭ بۇ ھۆججەتلەردىكى مەزمۇنلاردىن بەكمۇ بىئارام بولغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇلار باياناتتا بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ «يېڭىدىن ئاشكارا بولغان بۇ ھۆججەتلەر شى جىنپىڭ ۋە باشقا يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلارنىڭ شىنجاڭدىكى قىرغىنچىلىقتا قانداق رول ئويناۋاتقانلىقىنى، ئۇيغۇرلار ۋە باشقا تۈركىي تىللىق خەلقلەرنىڭ لاگېرغا قامىلىشى پۈتۈنلەي بىرەر جىنايەت بىلەن ئەمەس، ئەكسىچە، ئۇلارنىڭ مىللىي ۋە دىنىي كىملىكى تۈپەيلىدىن بولغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ» دېدى.

ئۇلار باياناتتا بۇ ھۆججەتلەرنىڭ سان جەھەتتىكى كۆپلۈكى ۋە مەزمۇن جەھەتتىكى ۋەھشىيلىكىنى تەكىتلىگەن ھالدا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كېڭىشىنىڭ رەئىسى مىشېل باچېلېتنىڭ خىتاي ئەمەلدارلىرى بىلەن ئۇچراشقاندا بۇ ھۆججەتلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇشىنى تەلەپ قىلدى. شۇنداقلا ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى خىتايغا قاراتقان جازا تەدبىرلىرىنى تېخىمۇ قاتتىق ئىجرا قىلىشقا چاقىردى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت