ئۈرۈمچى شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسى 3 نەپەر خىتاينى «ئۆسەك سۆز تارقاتقان» دەپ جازالىغان

ئۈرۈمچى شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسى 3-نويابىر كۈنى ئېلان قىلغان ئۇقتۇرۇشتا ئېيتىلىشىچە، ئۇلار شۇنىڭدىن بىر-ئىككى كۈن ئىلگىرى ئۈندىدار ھېساۋاتى ئارقىلىق ئۇچۇر تارقىتىپ، كىشىلەرنى يۇقۇم ھەققىدىكى قامال چارىلىرىگە نارازىلىق بىلدۈرۈشكە دەۋەت قىلغان ئۈچ خىتايغا مەمۇرىي جەھەتتىن قاماققا ئېلىش جازاسى بەرگەنلىكىنى ئېلان قىلغان.

ئۇقتۇرۇشتا ئېيتىلىشىچە، بۇ ئۈچ نەپەر خىتاي ئۈندىداردىكى ھەرقايسى توپلارغا نۆۋەتتىكى قامال تەدبىرلىرىگە توپلىشىپ نارازىلىق بىلدۈرۈش توغرىسىدا مۇراجىئەتنامە چىقارغان. ئۇلارنىڭ بۇ ھەركىتىنى ساقچى دائىرىلىرى «جەمئىيەت تەرتىپىنى بۇزغانلىق» دەپ بېكىتكەن ھەمدە ئۇلارغا بەش كوندىن 10 كۈنگىچە مەمۇرىي جەھەتتىن تۇتۇپ تۇرۇش جازاسى بەرگەن.

بۇ ئەھۋاللار ھەرقايسى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا كەڭ تارقالغان «ئۈرۈمچىدىكى خىتايلارنىڭ ۋىرۇسنى كونترول قىلىش تەدبىرلىرىگە توپلىشىپ نارازىلىق بىلدۈرىشى» توغرىسىدىكى قىسقا فىلىملەر بىلەن ماس كېلىدىغان بولۇپ، شۇ قېتىمقى نامايىش ھەققىدە بەزىلەر ئىنكاس يېزىپ: «بۇ ئەمەلىيەتتە قامال تەدبىرلىرىگە تاقىتى قالمىغان خىتايلاردىكى غەزەپنىڭ بىر قېتىملىق پارتلىشى» دېگەن ئىدى. ئەمما ساقچى دائىرىلىرىنىڭ ئۇقتۇرۇشىدا ئېيتىلغان «نۆۋەتتىكى ۋىرۇس يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش ۋەزىيىتى ئېغىر ۋە مۇرەككەپ بولۇۋاتقان ئەھۋالدا، كەڭ خەلق ئاممىسىنى يۇقۇمنىڭ ئالدى ئېلىش خىزمىتىگە ماسلىشىپ بېرىشكە چاقىرىمىز» دېگەن قۇرلار، نۆۋەتتىكى قامال تەدبىرلىرىنىڭ ئېغىرلىقىنى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ھەر جەھەتتىن ئالغاندا ئۇيغۇرلاردىن كۆپ دەرىجىدە ئەركىن، دەپ قارىلىدىغان خىتايلارنىڭمۇ بۇنىڭغا چىدىغۇچىلىكى قالمىغانلىقىنى ۋاستىلىك ھالدا كۆرسىتىپ بەرگەن.

رادىيومىز بىۋاستە دەلىللەشكە ئۈلگۈرمىگەن بۇ ۋىديولاردا نۆۋەتتىكى ۋىرۇس يۇقۇمىنى كونترول قىلىش چارىلىرىنىڭ ئاۋام پۇقرالارنى قايسى دەرىجىدە قىيناۋاتقانلىقى، ھاجەتخانىلارنىڭمۇ كارانتىن قىلىش نۇقتىلىرى ئۈچۈن ئىشلىتىلگەنلىكى، ئاچارچىلىق ۋە كېسەل كۆرسىتىشنىڭ مۇمكىن بولماسلىقى تۈپەيلىدىن نۇرغۇن بالىلار ۋە ياشانغان كىشىلەرنىڭ ئۆلۈپ كېتىۋاتقانلىقى قاتارلىق ئەھۋاللار تەسۋىرلەنگەن. ئەمما خىتاي دائىرىلىرى داۋاملىق ھالدا نۆۋەتتىكى يۇقۇم ئەھۋالىنىڭ ياخشىلىنىشقا يۈزلىنىۋاتقانلىقىنى تەشۋىق قىلىپ كەلمەكتە.

6-نويابىر كۈنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش نازارىتىنىڭ مەسئۇللىرىدىن ليۇ پىڭ مۇخبىرلارغا سۆز قىلىپ: «ھازىر شىنجاڭدىكى بارلىق ئاساسلىق قاتناش لىنىيەلىرى ئېچىلىپ، ئاپتوموبىللارنىڭ راۋان قاتنىشى، شوپۇرلارنىڭ ئۆز خىزمىتىنى داۋام قىلدۇرىشىغا شارائىت يارىتىلدى» دېگەن. شۇ ئارقىلىق ئىلگىرىكى بارلىق قاتناش يوللىرىنى توسۇش تەدبىرلىرىنىڭ ئەمەلدىن قالغانلىقى جاكارلانغان.