ئۇيغۇر تەشكىلاتى ياۋروپا پارلامېنتىنى ساخاروف مۇكاپاتىنى ئىلھام توختىغا بېرىشكە چاقىردى

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پروگراممىسى 29‏- سېنتەبىر بايانات ئېلان قىلىپ، ياۋروپا پارلامېنتىنى بۇ يىللىق ساخاروف مۇكاپاتىنى تۈرمىدىكى ئاتاقلىق ئۇيغۇر ئۆكتىچى زىيالىي ئىلھام توختىغا بېرىشكە چاقىردى.

مەزكۇر ئورگاننىڭ تەكىتلىشىچە، ساخاروف مۇكاپاتىنى ئىلھام توختىغا بېرىش «خىتايغا تىنچ كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنى جىمىقتۇرۇشقا بولمايدۇ» دېگەننى بىلدۈرىدىكەن. ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پروگراممىسى باياناتىدا، «پروفېسسور ئىلھام توختى خىتايدا ئۇيغۇرلارغا تەڭ-باراۋەر مۇئامىلە قىلىشنىڭ ئىزچىل ساداسى بولۇپ كەلدى ۋە شۇ ئارقىلىق كىشىلىك ھوقۇققا ئالاھىدە تۆھپىلەرنى قوشتى» دېيىلگەن.

ياۋروپا پارلامېنتى يېقىندا ئىلھام توختى، تۈركىيەلىك ژۇرنالىست جان دۈندار قاتارلىق 4كىشىنىڭ بۇ يىللىق ساخاروف كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى نامزاتلىقىغا تاللانغانلىقىنى جاكارلىغان. ساخاروف مۇكاپاتى ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى فىزىكا ئالىمى، كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى ئاندرېي ساخاروف نامىغا تەسىسى قىلغان نوپۇزلۇق مۇكاپاتلارنىڭ بىرى. خىتاي كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى خۇ جيا خىتايدىن ھازىرغا قەدەر ساخاروف مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن بىردىن-بىرى كىشى.

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پروگراممىسى باياناتىدا يەنە، «ساخاروف مۇكاپاتى پىكىر ئەركىنلىكى ئۈچۈن ئىلھام توختىغا بېرىلسە، ياۋروپا پارلامېنتى خىتايغا ئۇنىڭ شەرقى تۈركىستاندىكى ئەبجەق كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسى توغرىلىق كۈچلۈك سىگنال بەرگەن بولىدۇ» دەپ تەكىتلىگەن.