خىتايدا ياسالغان ساختا گۈرۈچ رۇسىيە بازىرىدا قورقۇنچ ۋە ۋەھىمە پەيدا قىلغان

ئالدىنقى كۈنىدىن بۇيان رۇسىيە تاراتقۇلىرىدا «پىلاستىك ماتېرىياللاردىن ياسالغان ساختا گۈرۈچ ۋەقەسى» توغرىلىق كۆپلىگەن خەۋەرلەر بېرىلىپ، رۇسىيە ئاھالىلىرى ئارىسىدا ۋەھىمە پەيدا قىلغان.

رۇسىيەدىكى «دېلتا» تورىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، رۇسىيە فېدېراتسىيەسىنىڭ يىراق شەرق رايونىدىكى خىتاي بىلەن چېگرالىنىدىغان شەھەرلىرىدە «ساختا گۈرۈچ ۋەقەسى» كۈچلۈك ۋەھىمە قوزغىغان.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاينىڭ خېيلوڭجاڭ ئۆلكىسى ۋۇچاڭ شەھىرىدىن ئىشلەپچىقىرىلىدىغان گۈرۈچ مەھسۇلاتى رۇسىيەدە زور بازارغا ئىگە بولۇپ، ئۇنىڭ تەملىك ۋە سۈپەتلىك بولۇشى سەۋەبىدىن رۇس ئىستېمالچىلىرىنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشكەنلىكى مەلۇم. ۋۇچاڭ گۈرۈچى ئاساسلىقى رۇسىيەگە ئېكسپورت قىلىنىدىغان بولۇپ، باھاسىمۇ يىلدىن-يىلغا ئۆرلىگەن.

ھالبۇكى، يېقىندا خىتاي ئەتكەسچىلىرى ۋۇچاڭ گۈرۈچىگە تەتبىقلاپ پىلاستىك ماتېرىياللاردىن ياساپ چىققان ساختا گۈرۈچنى رۇسىيە بازىرىغا ئوغرىلىقچە كىرگۈزگەن. تېببىي خادىملار بۇ خىل ساقتا گۈرۈچنىڭ قورساقنى ئاغرىتىپ، راك كېسىلى پەيدا قىلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

ئىگىلىنىشىچە، ھازىر رۇسىيەدە خىتايدىن كىرگەن ساختا گۈرۈچ ۋەقەسى سەۋەبلىك خىتاي ماللىرىغا بولغان گۇمان كۈنسايىن كۈچەييمەكتىكەن. كۆزەتكۈچىلەر، ساختا يېمەكلىكلەرنىڭ نۆۋەتتە خىتاي تۇپرىقىدىن ھالقىپ چەتئەللەردىمۇ قورقۇنچ ۋە ۋەھىمە پەيدا قىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىمەكتە.