خىتايدا بالىلىرى ساختا ۋاكسىنىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان 60 تىن ئارتۇق كىشى ئەرز قىلدى

خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، 18-ئاپرېل دۈشەنبە كۈنى بالىلىرى ساختا ۋاكسىنىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان 67 ئائىلە كوللېكتىپ ھالدا بېيجىڭ 1-ئوتتۇرا سوتىغا ئەرز يوللىغان ۋە ئۇلارنىڭ ئەرزى قوبۇل قىلىنىپ دېلو تۇرغۇزۇلغان.

ئەرز سۇنغان ئاتا-ئانىلاردىن رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغۇچىلار، بالىلىرىغا ساختا ۋاكسىنا ئەملەنگەندىن كېيىنكى ئەھۋالنى بايان قىلىپ، ساختا ۋاكسىنىلارنىڭ بالىلاردا ئوخشىمىغان دەرىجىدىكى مەجرۇھلۇق پەيدا قىلغانلىقىنى، ھەتتا بەزى بالىلارنىڭ بارلىق تۇرمۇش ئىقتىدارىنى يوقاتقانلىقىنى، ۋاكسىنا ئۇرۇلغاندىن كېيىنكى ئۇزۇن مەزگىلدىن بۇيان بۇ بالىلارنىڭ داۋالىنىش ۋە تۇرمۇش خىراجىتى كاپالەتكە ئىگە قىلىنمىغانلىقىنى، شۇڭا ئاتا-ئانىلارنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا ئەرز قىلىپ كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما دائىرىلەرنىڭ ھازىرغىچە بىرەر ئەمەلىي تەدبىر ئالمىغانلىقىنى بىلدۈردى.

3-ئاينىڭ باشلىرى خىتاينىڭ گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىدە يۈز بەرگەن يەسلى بالىسىنىڭ ساختا ۋاكسىنىدىن ئۆلۈش ۋەقەسىدىن كېيىن، شەندۇڭدا ئىشلەنگەن ساختا ۋاكسىنىلارنىڭ خىتاينىڭ 20 دىن ئارتۇق ئۆلكە، ئاپتونوم رايونغا تارقالغانلىقى ئاشكارىلانغان.

مەزكۇر ۋەقە خىتاي پۇقرالىرىنىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغىغان، خىتاي بولسا خەلقئارا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشىغا ئۇچرىغان. شۇندىن كېيىن خىتاينىڭ ئالىي تەپتىش مەھكىمىسى 14-ئاپرېل بايانات بېرىپ، 3-ئايدا يۈز بەرگەن ساختا ۋاكسىنا ۋەقەسىدە جىنايى جاۋابكارلىقى ئېغىر بولغانلاردىن 27 كىشىنىڭ رەسمىي قولغا ئېلىنغانلىقىنى، دېلوغا چېتىلغانلارنىڭ 357 كىشىگە يەتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى.